«كەسىپ ئىشچىلىرىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش»ماۋزۇلۇق تەپسىلىي خەۋەر
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خۇانېڭ گۇرۇھى جىنەن خۇاڭتەي توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى لۇەن جۈن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتىپ، بىرىنچى سەپتىكى كەسىپ ئىشچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا كېلىپ چىققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. تۆۋەندە «مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغان بىر يىلدا»ماۋزۇلۇق خەۋىرىمىزنىڭ «كەسىپ ئىشچىلىرىغا ۋاكالىتەن سۆزلەپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش»دېگەن قىسمى دېققىتىڭلاردا بولىدۇ.
لۇەن جۈن مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىش ئالدىدا، يەنە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تەكلىپ پىكىرلەرنى رەتلىدى. ئۇ ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا ئەتىگەندىلا باردى، ئۇ بۇ يىل «سۈنىي ئەقىل+»غا نۇقتىلىق دىققەت قىلدى، شۇڭا 1-سەپتىكى ئىشچى خىزمەتچىلەر بىلەن سۈنئىي ئەقلنىڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا قوللىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا پاراڭلاشتى.
لۈەن جۈن مۇنداق دېدى: ئىشخانىمىز ئېنېرگىيە ساھەسىدە يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە كۈچ چىقاردى. بۇمۇ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى مۇھىم بازا، شۇنداقلا ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ.
بۇ يىل «15-بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، لۇەن جۈننىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش تىزىملىكى توشۇپ كەتتى. ئۇ تېخىمۇ كۆپ كەسىپ ئىشچىلىرىنىڭ «سۈنئىي ئەقىل+»ھەرىكىتىگە قاتنىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پىلانلاۋاتىدۇ.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









