ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«14-بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئەمەلىي كۈچى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-03-03 15:27

«14-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتتىكى چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى رول تۇتۇپ يول باشلاپ، ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش ئىگىلەپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئومۇمىيەتنى، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ بېسىمغا تاقابىل تۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلىشى، يېڭىلىققا، ئەلالىققا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد ئەمەلىي كۈچىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى، پۇختا قەدەم تاشلىدى.

2025-يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 140 تىرىليون 187 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، تۇنجى قېتىم 140 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلدىن ھالقىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى.

«14-بەش يىل»دىن ئىبارەت بۇ بەش يىلدا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئۇدا 110 تىرىليون يۈەن، 120 تىرىليون يۈەن، 130 تىرىليون يۈەن، 140 تىرىليون يۈەندىن ئىبارەت تۆت چوڭ پەللىدىن ھالقىپ ئۆتتى. جۇڭگو ئىقتىسادىدا سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. يەر شارىغا نەزەر سالساق، جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %30 ئەتراپىدا ساقلىنىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئەڭ چوڭ تۆھپە قوشقۇچى ۋە ئەڭ كۈچلۈك مۇقىملاشتۇرغۇچىغا داۋاملىق ئايلىنىپ، خەلقئارا تەسىر كۈچىدە يېڭى ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئىشنى ئۆزى باشتىن كەچۈرمىگۈچە، ئۇنىڭ قانچىلىك قىيىنلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ، قارىماققا ئاساندەك كۆرۈنگەن مۇۋەپپەقىيەت نۇرغۇن جاپالىق ئەجىر بىلەن بارلىققا كېلىدۇ.

ئۆتكەن بەش يىلدا، چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەش، جاسارەت بىلەن ئالغا بېسىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئەسىر يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە بەرداشلىق بېرىپ، بىر قاتار  زور خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. بەش يىل سىجىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، «14-بەش يىل»لىق پىلاندىكى ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلەر غەلىبىلىك تاماملاندى.

«14-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادنى سىجىل ياخشىلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرگەن ھالدا يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى راۋاجلاندۇرۇلدى.

«14-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز يېڭىلىق يارىتىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتىدە باشتىن-ئاخىر يادرولۇق ئورۇنغا قويدى، 2025-يىلى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەتقىقات ۋە تەجرىبە تەرەققىياتى راسخوت سېلىنمىسىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىكى نىسبىتى %2.80 كە يېتىپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن تۇنجى قېتىم ئېشىپ كەتتى. دۆلىتىمىز يەر شارى يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچى رەت تەرتىپىدە تۇنجى قېتىم 10-ئورۇنغا ئۆتۈپ، 2020-يىلىدىكىدىن تۆت ئورۇن ئۆرلىدى.

زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشى «تېز سۈرئەتلىك يول»غا كىردى، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئاساسى بارغانسېرى كۈچەيدى.

يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىياتى ياخشىلاندى، تېرىقچىلىقنىڭ ماشىنىلىشىش نىسبىتى %75 تىن ئاشتى. ياسىمىچىلىق قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى داۋاملىق مۇقىم بولدى، قۇرۇلمىسى تېخىمۇ سەرخىللاشتى. «14-بەش يىل»دىن ئىبارەت بۇ بەش يىلدا، دۆلىتىمىزنىڭ ھەر يىللىق ياسىمىچىلىق قوشۇلما قىممىتى 30 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، داۋاملىق دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. كۆلەملەشكەن يۇقىرى تېخنىكا ياسىمىچىلىقى قوشۇلما قىممىتىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى ئىككى خانىلىق سانغا يېقىنلاشتى، يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلات تەمىناتى داۋاملىق كېڭەيدى، رىقابەت ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكى داۋاملىق كۈچىيىپ، كەسىپ ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. زور بىر تۈركۈم ھالقىلىق، يادرولۇق تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتلارنى قۇرۇلۇشلاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، سانائەت ئانا ماشىنىسى، داۋالاش جابدۇقلىرى، كېمىسازلىق قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىدە بەلگىلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنى ئۆز ئالدىغا كونترول قىلىش سەۋىيەسى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈلدى.

پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش يۇغۇرما تەرەققىي قىلدى، رەقەملىك تېخنىكا ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا تېزدىن سىڭىپ كىرىپ، تۈمەنلىگەن كەسىپلەرگە قۇۋۋەت قوشتى. يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى سودا ئەندىزىسى ۋەكىللىكىدىكى «ئۈچ يېڭى» ئىقتىسادنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %18 تىن ئېشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ماتورىغا ئايلاندى.

ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزگىرىشكە يۈزلىنىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى تېزدىن بەرپا قىلىندى.

مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشى پائال ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىچكى چوڭ ئايلىنىش تىرىشىپ كۈچەيتىلدى. «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىپ، مەركەز خامچوتى ئىچىدىن جەمئىي 3 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلايدىغان، قۇرۇلمىنى تەڭشەيدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئاممىۋى ساھەدىكى تۈر قۇرۇلۇشىغا نۇقتىلىق مەدەت بەردى، «ئىككى مۇھىم» قۇرۇلۇشقا 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنلىك ئۇزۇن مۇددەتلىك ئالاھىدە زايوم مەبلىغى ئورۇنلاشتۇردى. ئېنېرگىيە، سۇچىلىق، قاتناش قاتارلىق ساھەلەرگە سېلىنغان مەبلەغنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈردى. ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازارنىڭ كۈچلۈك يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، ئىستېمالنىڭ ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك رولىنى كۈچەيتتى. ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى سىجىل ئاشۇردى. 2025-يىلى، مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 50 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، نۇرغۇن مۇھىم ساھە ۋە تۈرلەردىكى ئىستېمال مىقدارى بويىچە يەر شارىدا 1-چوڭ بازارغا ئايلاندى.

يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىش قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىچكى-تاشقى قوش ئايلىنىشنىڭ بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇندى. «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى سودىسى بېسىمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئەۋرىشىملىكىنى نامايان قىلىپ، مال سودىسى جەھەتتە يەر شارىدا 1-ئورۇندا مۇقىم تۇردى. 2025-يىلى، مال ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى تۇنجى قېتىم 45 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، قۇرۇلمىسى داۋاملىق سەرخىللاشتى. مۇلازىمەت سودىسى كۆلىمى يەر شارىدا 2-ئورۇندا مۇقىم تۇرۇپ، تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاساسىدا يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ جۇڭگوغا بىۋاسىتە سالغان مەبلىغى جەمئىي 5 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، مەبلەغ جەلپ قىلىش قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز سەرخىللاشتى. جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقى داۋاملىق يۇقىرى بولدى.

«15-بەش يىل»غا قەدەم قويغاندىن كېيىن، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىنى نىشانلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، خەۋپ-خەتەرنى يېڭىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتسەكلا، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد پاراخوتى جەزمەن يېڭى مۇساپىدە دولقۇن يېرىپ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«14-بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئەمەلىي كۈچى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى

«14-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتتىكى چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى رول تۇتۇپ يول باشلاپ، ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش ئىگىلەپ،