ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ھېكايىسى»ماۋزۇلۇق تەپسىلىي خەۋەر

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-03-03 15:37

تۆۋەندە «ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ھېكايىسى»ماۋزۇلۇق سەھىپىمىزدە، پۇقرالارنىڭ ساغلاملىقىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ، كىلىنىكىلىق داۋالاشنىڭ بىرىنچى سېپىدە 20 نەچچە يىل يىلتىز تارتقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جاڭ جۈنجيې تونۇشتۇرۇپ يېزىلغان خەۋەر دېققىتىڭلاردا بولىدۇ.
جاڭ جۈنجيې نەنجىڭ شەھەرلىك 1-دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۇ داۋالاش ئۆيىدە خىزمەتداشلىرى بىلەن سۇچيەندىن كەلگەن بىر بىمارنىڭ كېسىلىنى كۆردى. مائۇسنى يېنىك چەكسىلا، جياڭسۇ ئۆلكىلىك سەھىيە ساغلاملىق بۇلۇت سۈرەت سۇپىسىدا بىمارنىڭ باشقا شەھەردىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
جاڭ جۈنجيې 2023-يىلى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغاندىن بۇيان، دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى مەسىلە ۋە قىيىن نۇقتىلارنى قانداق ھەل قىلىش ھەققىدىكى 10 نەچچە تەكلىپنى سۇندى. بۇنىڭ ئىچىدە، تېببىي تەسۋىرگە ئائىت «بۇلۇت پىليۇنكىسى»نى ئىشلىتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ دۆلەتلىك سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ جاۋابىغا ئېرىشتى. بۈگۈنكى كۈندە، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ سەھىيە ساغلاملىق بۇلۇت سۈرەت سۇپىسى ئۆلكە ئىچىدىكى 2000 دىن ئارتۇق داۋالاش ئاپپاراتىغا ئۇلىنىپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ سۈرەت سانلىق مەلۇماتلىرى ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇلدى. بۇ يىل بۇ سۇپا يەنە تېخىمۇ كۆپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆلكە بويىچە ئۆز ئارا ئېتىراپ قىلىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.
پۇقرالارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشتا يەنە كىلىنىكىلىق داۋالاش ۋە تەتقىقات ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. جاڭ جۈنجيې ئۆتكەن بىر يىلدا، كىلىنىكا مېدىتسىناسى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشنى چۆرىدەپ، بىر قاتار زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، جاڭ جۈنجيې تېببىي پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى باھالاش سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشقا ئالاقىدار تەكلىپلەرنى سۇنماقچى. ئۇ تۇرۇشلۇق نەنجىڭ شەھەرلىك 1-دوختۇرخانا ئالاقىدار سىناقلارنى قانات يايدۇردى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有