ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەخسۇس پويىزى»نىڭ كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-03-04 10:17

جاڭجۇ فۇجيەن ئۆلكىسى بويىچە ئەڭ چوڭ تىنما تۈزلەڭلىككە ئىگە بولۇپ، جەنۇبىي فۇجيەننىڭ «گۈل، مېۋە، بېلىق، گۈرۈچ ماكانى» ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە، شۇ جايدا باش باھاردىكى زىرائەتلەرنىڭ خىمىيىۋى ئوغۇتقا بولغان ئېھتىياجى ئاشماقتا. جەنۇبىي فۇجيەن رايونىدىكى ئەڭ چوڭ خىمىيەۋى ئوغۇت توپلانما جايى بولغان فۇجۇ تۆمۈريول ئەشيا ئوبوروت مەركىزى شيامېن تىجارەت بۆلۈمى، جاڭجۇ شىمالىي تىجارەت ئىشخانىسى يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان 80 ۋاگوندىكى 5000 توننىدىن ئارتۇق خىمىيەۋى ئوغۇتنى چۈشۈردى. ئەمدى «بىر يىللىق پىلان» ماۋزۇلۇق ئالاھىدە خەۋىرىمىزنىڭ «ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەخسۇس پويىزىنىڭ كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى» دېگەن قىسمى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
جاڭجۇ شىمالىي تىجارەت ئىشخانىسىنىڭ مەشغۇلات مەيدانىدا، خىمىيىۋى ئوغۇتنى جىددىي توشۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ئېلىپ بېرىلماقتا. تۆت ۋاگوندىكى 300 توننىغا يېقىن خىمىيىۋى ئوغۇتنى بىر چۈشتىن بۇرۇن چۈشۈرۈپ بولۇش كېرەك ئىدى. قاچىلاش-چۈشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 55 ياشلىق باشلىقى زېڭ جىگۇاڭ ئايالى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىدى.
ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئىككى چاقلىق ھارۋىنى ئىتتىرىپ ۋاگونغا كىردى، ھەش-پەش دېگۈچە ھارۋا يۈز جىڭ ئېغىرلىقتىكى ئالتە خالتا خىمىيەۋى ئوغۇت بىلەن لىق تولدى، ئۇيان-بۇيان بولماي، ھارۋىغا چىپپىدە كەلدى. ئىككىيلەن بىرى ئالدىدا سۆرەپ، بىرى كەينىدە ئىتتىرىپ، ھارۋىنى ۋوگزال سۇپىسىغا يەتكۈزۈپ، ئاپتوموبىلغا قاچىلاشقا مەسئۇل ئىشداشلىرىنىڭ ئاپتوموبىلغا كۈچ ئۇلاپ قاچىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەردى.
ۋوگزال سىرتىدا، ئون نەچچە ئاپتوموبىل ئۆچرەتتە تۇرۇپ قاچىلاشنى كۈتمەكتە ئىدى. خىمىيىۋى ئوغۇت يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ مەسئۇلى لەن سېنخەي ئوخشاشلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
لەن سېنخەي مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن 10 نەچچە كۈن بۇرۇن باشلاندى. بىز بۇ بىر نەچچە كۈندە ئاپتوموبىل ئىزدىدۇق، چوڭ-كىچىك ئاپتوموبىللارنىڭ ھەممىسى بار بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر نەچچە كۈندىن بۇيان يامغۇر ياغدى، بۇ خىل ئۈستى يېپىق ئاپتوموبىل بىر قەدەر بىخەتەر.
دېھقانچىلىق ۋاقتىغا ئالدىراشتىن باشقا يەنە ھاۋا رايىغا قاراش كېرەك. باھار يامغۇرى توختىماي يېغىۋاتقان كۈندە ئەشيالارنى توشۇشتا بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ.
لەن سېنخەي مۇنداق دېدى: بىز ھەر قايسى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ئورۇنلىرى بىلەن ماسلىشىپ، بۇ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ھەر قايسى يېزا-بازار، رايون، دۇكانلارغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىمىز، دېھقانلار قانداق ئوغۇتقا ئېھتىياجلىق بولسا، بىز مالنى يېتەرلىك تەييارلايمىز.
كىچىك يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرى چېن سۇڭلىن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىمۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن قاچىلاش-چۈشۈرۈش قوشۇنىغا ۋاقىتلىق قېتىلدى. ئۇلار 12 توننا خىمىيىۋى ئوغۇتنى تېز سۈرئەتتە ئاپتوموبىلغا قاچىلاپ، ئۈستىگە پالاس يېپىپ، پۇختا باغلىدى.
خالتا-خالتا خىمىيەۋى ئوغۇتلارنى يەتكۈزۈش-ۋاقىت بىلەن مۇسابىقىلەشكەنلىك. جاڭجۇ شىمالىي تىجارەت ئىشخانىسىنىڭ يۈك تىرانسپورتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشخانىسىدا، يۈك ئورۇنلاشتۇرغۇچى خۇاڭ شيۇڭپىڭ كومپيۇتېر ئېكرانىدىكى پويىزنىڭ يۈرۈش خەرىتىسىگە تىكىلىپ، ۋوگزالغا كىرىش مەشغۇلاتىنى ماسلاشتۇردى.
تۆمۈريول ۋوگزالىدا يۈك چۈشۈرۈشتىن ئەشيا يەتكۈزۈپ بېرىشكىچە، نەق مەيداندا مەشغۇلات قىلىشتىن ئارقا سۇپىدا ئورۇنلاشتۇرۇشقىچە بولغان ھەر قايسى ھالقىلار بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان. فۇجۇ تۆمۈريول ئەشيا ئوبوروت مەركىزى شيامېن تىجارەت بۆلۈمى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ چيۇتىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جاڭجۇ شىمالىي تىجارەت ئىشخانىسى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئەشيالىرى «يېشىل يولى»نى مەخسۇس ئېچىپ، ئالدىن تەستىقلاپ، ئالدىن چۈشۈرۈپ، ئالدىن يەتكۈزۈپ بېرىپ، كەلگەن ھامان چۈشۈرۈش، چۈشۈرگەن ھامان يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
ليۇ چيۇتىڭ مۇنداق دېدى: چاغاننىڭ 15-كۈنىدىن كېيىن، خىمىيىۋى ئوغۇتنىڭ يېتىپ كېلىش مىقدارىمۇ ئاستا-ئاستا كۆپىيىدۇ، ماشىنىدىن چۈشۈرۈشمۇ كۆپ بولىدۇ. بىز توشۇشقا تەشكىللەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، خىمىيىۋى ئوغۇتنىڭ مەركەزلىك يەتكۈزۈلۈشىگە، كۆپ مىقداردا يەتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ئېتىز باشلىرىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى كاپالەتلەندۈرىمىز.
پويىز ۋاگونىدىن ئېتىز باشلىرىدىكى چىغىر يولغىچە، باھاردىكى بۇ كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى يەنىلا داۋاملاشماقتا، باھارنىڭ ئۈمىدى بۇ زېمىندا قاناتلانماقتا.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەخسۇس پويىزى»نىڭ كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى

جاڭجۇ فۇجيەن ئۆلكىسى بويىچە ئەڭ چوڭ تىنما تۈزلەڭلىككە ئىگە بولۇپ، جەنۇبىي فۇجيەننىڭ «گۈل، مېۋە، بېلىق، گۈرۈچ ماكانى» ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە، شۇ جايدا باش باھاردىكى زىرائەتلەرنىڭ خىمىيىۋى ئوغۇتقا بولغان ئېھتىياجى ئاشماقتا.