ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مائارىپنىڭ پەن-تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلارغا بولغان تىرەكلىك رولى كۈچەيتىلىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش تېزلىتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-03-04 10:21

2025-يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىياسىي  مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەمدە بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقاندا: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مائارىپ، پەن-تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، مائارىپنىڭ پەن-تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلارغا بولغان تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىش شەرت، دەپ تەكىتلىدى.
مائارىپ تارماقلىرى ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرى باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مائارىپنىڭ پەن-تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارغا بولغان تىرەكلىك رولىنى تېخىمۇ نامايان قىلىپ، ئىختىساسلىقلار ئارقا-ئارقىدىن يېتىشىپ چىقىدىغان، ھەركىم ئۆز قابىلىيىتىنى كۆرسىتىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى ئاستا-ئاستا نامايان قىلدى.
3-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن، چىڭخەي ئۆلكىسى گولو شىنىڭ مىللەتلەر ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ دەرسخانىسىدا، شاڭخەيدىن چىڭخەيگە ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى ۋېڭ خەيلياڭ تولۇق 1-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى تۇنجى ئىدىيەۋى سىياسىي دەرسنى ئۆتتى. دەرسخانىدا ئۆگىنىشتىن ئەمەلىي پائالىيەتكىچە، مەكتەپ «چوڭ ئىدىيەۋى ـ سىياسىي دەرس»ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلدى. گولو شىنىڭ مىللەتلەر ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى زېڭ چياڭ مۇنداق دېدى: ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسىدە ئوقۇغۇچىلار جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنىڭ تارىخىي ئاساسىنى چوڭقۇر چۈشىنىشكە يېتەكلىنىپ، قىزىل تەتقىقات-ئۆگىنىش، قىزىل مۇزىكا مەھەللە سەپىرى قاتارلىق كۆپ خىللاشقان ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيەتلىرى پائال قانات يايدۇرۇلۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتىراپلىق يىتىلگەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرى پۈتۈن كۈچ بىلەن يېتىشتۈرىلىدۇ.
قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش مائارىپتىكى تۈپ مەسىلە، شۇنداقلا مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى يادرولۇق تېما. 2025-يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسى قۇرۇلۇشى ۋە ئەخلاق تەربىيەسى خىزمىتى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسى قۇرۇلۇشى بىلەن پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق قوراللىنىشنى تەڭ قەدەمدە ئالغا سىلجىتىش، ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسى بىلەن دەرسلىكتىكى ئىدىيەۋى-سىياسىينى ئوخشاش يۆنىلىشتە تەڭ ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيە «كىچىك دەرسخانىسى بىلەن جەمئىيەت چوڭ دەرسخانىسى»نى ئۈنۈملۈك يۇغۇرۇپ، ئەخلاق تەربىيەسى خىزمىتىنى تېخىمۇ جايىدا، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلەش كېرەك.
باش شۇجى كۆرسەتكەن يۆنىلىش بويىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەر «چوڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرس»تىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، روھنى تاۋلاپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلىدى. بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسى ئەمەلىي ئوقۇتۇش ھەمكارلىق ئورتاق گەۋدىسىنى قۇردى، گەنسۇ«ئۇزۇن سەپەر يولىدا قايتا مېڭىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، خۇبېينىڭ  ۋۇخەن«قىرغاق نۇرى»قاتارلىق ئىدىيەۋى-سىياسىي ماركىسىنى ياراتتى، بۇ ئارقىلىق ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش سىجىل كۈچەيتىلدى.
يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇشنىڭ تۈپ نېگىزى مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: زامانىۋىلاشتۇرۇش ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، ئاساسىي مائارىپ، ئالىي مائارىپ، كەسپىي مائارىپنى، ھۆكۈمەت سېلىنمىسى بىلەن جەمئىيەت سېلىنمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ مۇۋاپىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
داليەن سانائەت داشۆسىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا ئوقۇغۇچىلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە جەنۇبىي قۇتۇپ فوسفورلۇق راك مېيىنى ئۆلچەشكە ئالاقىدار تەجرىبىلەرنى ئىشلىدى. مەكتەپ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، كەسىپ شۆيۈەنى قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، دېڭىز-ئوكيان ساھەسىدە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇشنى ئۇزاق مۇددەت چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، داليەن سانائەت داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جوۋ دايۇڭ مۇنداق دېدى: مەكتىپىمىز لياۋنىڭ دېڭىز-ئوكيان كۈچلۈك ئۆلكىسى ئىستراتېگىيەسى بىلەن چوڭقۇر جىپسىلىشىپ، دېڭىز-ئوكيان كەسپىدىكى باشلامچى كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ، دېڭىز-ئوكيان يېمەكلىكلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش ئەمەلىي مەشىق بازىسى ۋە تەتقىق قىلىش سۇپىسىنى بىرلىكتە قۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى پۇختا ئىختىساسلىقلار تىرىكى ۋە تېخنىكا كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.
خېبېي قاتناش كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ كۆۋرۈك تەكشۈرۈش ئەمەلىي مەشىق بازىسىدا، ئوقۇتۇش ۋەزىپىسى ۋە ئەمەلىي مىساللار ھەقىقىي تۈرلەردىن بارلىققا كەلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، خېبېي قاتناش كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى جاڭ يۈنكەي مۇنداق دېدى: بىز داۋاملىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشىگە زىچ ئەگىشىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر ـ سەنئەتنى دەرس مەزمۇنى بىلەن ۋاقتىدا يۇغۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق.
ئاساسىي مائارىپتىن ئالىي مائارىپقىچە، ئاندىن كەسپىي مائارىپقىچە، دۆلىتىمىزنىڭ ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مائارىپى مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادەم تەربىيىلەش مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، يېڭى كەيپىيات ياراتتى.
سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا مائارىپ ئاساس، پەن-تېخنىكا ئاچقۇچ، ئىختىساسلىقلار نىگىز. بۇلتۇر مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، غەربىي شىمال داشۆسى ھاياتلىق ئىلمى ۋە تېببىي بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسورى سۈي يالى باش شۇجى شى جىنپىڭغا مائارىپ پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ دوكلات بەردى. ئۆتكەن بىر يىلدا سۈي يالى كوللېكتىپنى باشلاپ پەن-تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق پەن تەرەققىياتى ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەشكە تۈرتكە بولدى.
سۈي يالى مۇنداق دېدى: بىز «ئاممىۋى ساغلاملىق باشقۇرۇش» ئەپچىقىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ، ئاسپىرانتلارنى ئۆگەنگەن ئەقلىي تېببىي قۇرۇلۇش، سۈنئىي ئەقىل ۋە سوزۇلما كېسەللەرگە ئالاقىدار بىلىملەرنى ئىلمىي تەتقىقات بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق. بىز يەنە پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۇش ئارقىلىق پەنلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق.
مائارىپ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى. بىر يىلدىن بۇيان، دۆلەت قالتىس ئىنژېنېرلار شۆيۈەنى ۋە دۆلەت قالتىس ئىجتىمائىي پەن ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىن، ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەرنى چۆرىدەپ دۆلەت شۆيۈەنى سىنىقىنى ئادەتتىن تاشقىرى ئورۇنلاشتۇرۇشقىچە، ئاندىن يەنە ئاساسىي پەنلەر ۋە گىرەلەشمە پەنلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىش پىلانىنى يولغا قويۇشقىچە، دۆلىتىمىز مائارىپ-پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا يېڭىدىن مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.
مائارىپ مىنىستىرى خۇەي جىنپېڭ مۇنداق دېدى: مائارىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان ۋە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق ئىستراتېگىيەلىك ئامىلغا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى. بۇ بىزنىڭ مائارىپ سىستېمىسىنى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات چوڭ سىستېمىسى بىلەن  ئورگانىك يۇغۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپ، مەبلەغ، ئىختىساسلىقلارنى ئۈنۈملۈك يۇغۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە سىجىل ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ قوشىشىمىزغا تېخىمۇ موھتاج.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مائارىپنىڭ پەن-تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلارغا بولغان تىرەكلىك رولى كۈچەيتىلىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش تېزلىتىلدى

2025-يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى