نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلار ۋە ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈر سانىنىڭ قوغدىلىش نىسبىتى %80 تىن ئاشتى
دۆلەتلىك ئورمان، يايلاق ئىدارىسى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش خىزمىتىدە پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، ياۋايى ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياشاش ماكانى، ئەسلىي ياشاش مۇھىتىنىڭ سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلار ۋە ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈر سانىنى قوغداش نىسبىتى %80 تىن ئاشتى، ياۋايى ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈر توپى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ئېشىش ياخشى ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى.
3-ئاينىڭ 3-كۈن، دۇنيا ياۋايى ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر كۈنى، «دورۇلۇق ۋە خۇش پۇراق ئۆسۈملۈكلەر: ساغلاملىقنى، مىراسنى ۋە تۇرمۇشنى قوغداش»بۇ يىلقى دۇنيا ياۋايى ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر كۈنىنىڭ باش تېمىسى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









