ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلىتىمىز كىچىك تىپتىكى مەركەزلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، باشقۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-03-04 10:25

سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە يېزىلاردا تۇرۇبا سۈيىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %96 كە، يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى ناھىيە-رايوندا بىر تۇتاش باشقۇرۇش نىسبىتى %72 كە يەتكەن، «ئىچىدىغان سۇ بولۇش» تىن «ياخشى سۇ ئىچىش» كىچە، دۆلىتىمىز يېزىلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى كىچىك تىپتىكى سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشتىكى «3 + 1» ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش، ئاسراش ئەندىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش ئارقىلىق، سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.
سۇچىلىق مىنىستىرلىقى يېزا سۇچىلىق، سۇ ئېلېكتىر مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ شۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كىچىك تىپتىكى مەركەزلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىدىن 420 مىڭ 700 ئى، تارقاق سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىدىن 3 مىليون 377 مىڭ 600 ئى بار، كىچىك تىپتىكى سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش- باشقۇرۇش تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مىليونلىغان يېزا ئاممىسىنىڭ ئىچىملىك سۇ تارىخىنى ئۆزگەرتىپ يېزىپ، ئىچىملىك سۇ ئاساسىي كاپالىتىدىن ياخشى سۇ ئىچىش سۈپىتىگە بولغان ئىنتىلىشنى تېز ئىشقا ئاشۇردى.
جۇ شۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆلچەم تۇرغۇزۇش كىچىك تىپتىكى سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى تەكشى بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. سۇچىلىق مىنىستىرلىقى دۆلەت ئۆلچىمى «كەنت-بازارلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى تېخنىكا قائىدىسى» گە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، تارقاق سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىنى لايىھەلەش، قۇرۇش ۋە يۈرۈشتۈرۈش، ئاسراشنى بىرلىككە كەلگەن قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ھازىر بىز «سۇ بىلەن تەمىنلەش نىزامى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنىڭ كىچىك تىپتىكى باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈۋاتىمىز.
دۆلىتىمىزنىڭ زېمىنى كەڭ، ئېگىزلىكتىكى ئېگىز، سوغۇق رايونلار، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئېلېكتىر تورى ئاجىز، ئاچچىق، تۇزلۇق سۇنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلار يەنىلا سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى قىيىن مەسىلە، قانداق قىلغاندا پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟ جۇ شۇاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قارلىق ئېگىزلىكتە، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى شۇ جاينىڭ «ئىگىز سوغۇق رايونلاردىكى يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق ئاپتوماتىك سۇ تازىلاش پونكىتى، يېڭى تىپتىكى يورۇقلۇق ۋولت توڭلاشتىن ساقلىنىش تۇرۇبىسى، يورۇقلۇق ۋولت توڭلاشتىن ساقلىنىش سۇ ئېلىش قوزۇقى» بىر گەۋدە قىلىنغان ئەقلىيلەشتۈرۈش سۇ بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كەڭ چارۋىچىلىق رايونلىرىدا شامال كۈچى ۋە يورۇقلۇق ئارقىلىق بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان سۇ چىقىرىش تېخنىكىسىنى ئېچىپ، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئېلېكتىر تورى قاپلىغان رايونلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى «خاتىرجەم »،«بىخەتەر» سۇ ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۆلىتىمىز كىچىك تىپتىكى مەركەزلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، باشقۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈردى

سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە يېزىلاردا تۇرۇبا سۈيىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %96 كە، يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى ناھىيە-رايوندا بىر تۇتاش باشقۇرۇش نىسبىتى %72 كە يەتكەن