ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلق تۇرمۇشىنى ھەممىدىن يۇقۇرى بىلىپ، ئىللىق جاۋاب قەغىزى پۈتەيلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-03-12 15:57

2026-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى  ھەممىدىن يۇقۇرى بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسى ئۈچۈن كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش كېرەك. ۋەكىللەر، ئەزالار بەس-بەستە مۇنداق دېيىشتى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا دىققەت خەلق تۇرمۇشى بەخت-سائادىتىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇلۇپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېنىق پىلان تۈزۈلدى.
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا گۈللەنمە كەسىپلەرنى، كەلگۈسى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ يېڭى كەسىپ، يېڭى ئىش ئورنى يېتىلدۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى شۈ رۈيشيا بارغانسېرى پەن-تېخنىكا تۇيغۇسى ۋە يېڭىلىق تۇيغۇسىغا تولغان تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورۇنلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش «يېڭى خەرىتىسى»نىڭ سىزىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدى.
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا: ئوقۇش يېشىدىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، مائارىپ بايلىقىنىڭ جايلىشىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جاڭ دادۇڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: كەلگۈسىدىكى نوپۇسنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، شۇ جاينىڭ مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەش بېكىتىلسە.  كىچىك سىنىپلارغا ئايرىش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرى تېزدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مائارىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتى ئۆستۈرۈلسە.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى لەن جېن مۇنداق تەكلىپ بەردى: گۇرۇھلاشتۇرۇپ مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى ئەلا سۈپەتلىك بايلىققا تايىنىپ، يېزا مەكتەپلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم بېرىلسە.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى شۈ شياۋچەن تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا تەقسىملىنىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇنىۋېرسال دوختۇر ئالاھىدە ئىش ئورنى تەسىس قىلىش ۋە تەمىناتنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار سىياسەتلەر ئارقىلىق، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا يۈزلىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى شيې جىبىن مۇنداق تەكلىپ بەردى: كەمچىل دورىلارنى تىزىملاش، رېتسېپ ۋە دورا يەتكۈزۈپ بېرىش مېخانىزمى  بەرپا قىلىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ دورا ئىشلىتىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنسا.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋاڭ خۇي تۇرۇشلۇق لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى مودەن مەھەللىسىنىڭ ياشانغانلار كۆپىيىش نىسبىتى %50 كە يېقىنلاشتى، ئۇ مۇنداق قارىدى: «قاتتىق دېتالنى ئۆزگەرتىش + ئەقلىي  كۈزىتىش»نى يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇشنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئۇ ياشاغانلارغا ماس كېلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەقلىي كۆزىتىش سىستېمىسىنى ماس قەدەمدە كېڭەيتىپ، ياشانغانلارنى ئائىلىدە تېخىمۇ بىخەتەر  بولۇش، كۈتۈنۈشى تېخىمۇ كاپالەتلىك بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش تەكلىپىنى بەردى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى فېڭ فەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە ئۇسۇلى كېڭەيتىلىپ، كۈتۈنۈش ھاۋالىسى  زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلسا. فېڭ فەن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئەنئەنىۋى ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى بارلىق كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاپلىيالمايدىغان بولۇپ قالدى، «قانۇن + پۇل مۇئامىلە + مۇلازىمەت» ئۇنىۋېرسال ۋاسىتىسى ئارقىلىق، يېڭىچە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى بەرپا قىلىنسا.
دۆلىتىمىزنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى 2016 -يىلى نۇقتىدا سىناق قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 10 يىلغا يېقىن ئىزدىنىش مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىي ۋەكىلى دىلمۇرات ئەسمىتۇللا مۇنداق قارىدى: ئاساسىي سىياسەت، تەمىنات تىزىملىكى ۋە باھالاش ئۆلچىمىنى دۆلەت قاتلىمىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئادىللىقنىڭ تۆۋەن چېكىنى ساقلاش كېرەك. جايلار مەبلەغ توپلاش ھەق نىسبىتى، كونكرېت چىقىم قىلىش سەۋىيەسى، مۇلازىمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىزدىنىپ، تۈزۈمنىڭ مۇقىم ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلق تۇرمۇشىنى ھەممىدىن يۇقۇرى بىلىپ، ئىللىق جاۋاب قەغىزى پۈتەيلى

2026-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك.