ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ يىل چاغانلىق تىرانسىپورتتا 9 مىليارد 400 مىليون ئادەم قېتىم سەپەرگە چىقىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-03-15 09:20

40 كۈن داۋاملاشقان چاغانلىق تىرانسىپورت 3-ئاينىڭ 13-كۈنى رەسمىي ئاياغلاشتى. قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل چاغانلىق تىرانسىپورتتا پۈتۈن جەمئىيەتتە رايون ھالقىپ يۆتكەلگەنلەر 9 مىليارد 400 مىليون ئادەم قېتىمغا، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 235 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، 2025-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %4.3 ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.
چاغانلىق تىرانسىپورتتا كىشىلەر قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇلازىمەت رايونى سەپەرگە چىقىش تەسىراتىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم كۆزنەككە ئايلىنىپ، مۇلازىمەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەريانىدا ئىستېمالنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ قېتىمقى چاغانلىق تىرانسىپورتتا، جياڭسۇ نەنجىڭ-شاڭخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ۋۇشى مېيسۈن مۇلازىمەت رايونىنىڭ شىمالىي رايونى يېڭىلىنىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى. مېيسۈن مۇلازىمەت رايونىنىڭ مۇدىرى چىن جيې مۇنداق دېدى: مۇلازىمەت رايونىمىزدا ئېكولوگىيەلىك سۇ جانلىقلىرى، AI سۈرەتكە تارتىش ئاساسىي تېما قىلىنغان كوچا رايونى قاتارلىق ھەمتۈرتكە مەزمۇنلار بار، يولۇچىلار ساياھەت قىلىپ، ئايلىنىشنى ياقتۇرىدۇ.
بىر تۈركۈم يېڭى تۈگۈن، يېڭى ئەسلىھەلەرمۇ 2026- يىللىق چاغانلىق تىرانسىپورتتا تۇنجى قېتىم ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، چاغانلىق تىرانسىپورتتىكى يۇلۇچىلار ئېقىمى سىنىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى. چاغانلىق تىرانسىپورت مەزگىلىدە، گۇاڭجۇ بەييۈن خەلقئارا ئايرودۇرۇمى T3 ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىنىڭ پۈتۈن جەريانلىق ئاپتوماتىك مۇلازىمەت سىستېمىسى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلانغا چىقىش، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ۋاقتىنى كۆرۈنەرلىك قىسقارتتى. بەييۈن چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 11-ئەترىتىنىڭ باشلىقى جۇ جياڭنىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بەييۈن ئايرودۇرۇمى چېگرا ئېغىزى چاغانلىق تىرانسىپورت باشلانغاندىن بۇيان، چەت ئەللىك يولۇچىلار جەھەتتە، كېلىش مەنبەسى دۇنيادىكى 170 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا تارقالغان بولۇپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك يولۇچىلارنىڭ ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلاشتى.
مۇلازىمەت جەھەتتە، بۇ يىل چاغانلىق تىرانسىپورتتا تۆمۈر يول تارماقلىرى تۇنجى قېتىم ئېنتىرتتا خاتا سېتىۋالغاندا چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز بېلەت قايتۇرۇش يېڭى تەدبىرىنى يولغا قويدى ھەمدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولدا ئەرمەك ھايۋانلارنى ھاۋالىلىك توشۇش مۇلازىمىتىنى سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتتى، يىنچۈەن ۋوگزالى يولۇچى توشۇش سېخىنىڭ يولۇچى توشۇش نۆۋەتچىسى بەي يابىن مۇنداق دېدى: يولۇچىلار بېلەت سېتىۋېلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان 30 مىنۇت ئىچىدە، ئۇنىڭ ئۈستىگە پويىز قوزغىلىشتىن ئاز دېگەندە تۆت سائەت بۇرۇن چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز بېلەت قايتۇرسا بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق چاغانلىق تىرانسىپورت بىخەتەرلىك مۇھاپىزىتى تورى تېخىمۇ چىڭىتلدى. بۇ يىل چاغانلىق تىرانسىپورت مەزگىلىدە، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خېفېي شەھىرىدىكى 105 كىلومېتىرلىق شەھەرنى ئايلىنىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بويىدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن تولۇق قاپلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. خېفېي شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى پەن-تېخنىكا ۋە ئەسلىھەلەرنى باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يىن چېڭشېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىر تەرەپتىن ئۇچۇش ئارقىلىق، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يول قاتناش ئېقىم مىقدارى ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەيدۇ. بىز ئىلگىرىكىدەك چارلاشقا ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپ قىلىدىغان ئۇسۇلدىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇق.
2026-يىللىق چاغانلىق تىرانسىپورت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى، يۆتكىلىدىغان كىشىلەر توپى، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن مۇلازىمەت، ئاقىل كاپالەت ھەر بىر بۆلەك قايتىش يولىنى خاتىرجەم ۋە ئىللىقلىققا ئىگە قىلدى، شۇنداقلا ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، ئىللىق ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگوغا گۇۋاھچى بولدى.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ يىل چاغانلىق تىرانسىپورتتا 9 مىليارد 400 مىليون ئادەم قېتىم سەپەرگە چىقىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى

40 كۈن داۋاملاشقان چاغانلىق تىرانسىپورت 3-ئاينىڭ 13-كۈنى رەسمىي ئاياغلاشتى.