بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا، دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە ئومۇمىي مىقدارى بىر قەدەر تېز ئېشىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى بىر قەدەر كۈچلۈك قوللاش سالمىقى ساقلاندى
جۇڭگو خەلق بانكىسى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ ئاخىرىدا كەڭ مەنىدىكى پۇل قالدۇقى 349 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9 ئاشقان. ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى ساقلانما مىقدارى 451 تىرىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.2ئاشقان. دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە ئومۇمىي مىقدارى بىر قەدەر تېز ئېشىپ، مۇۋاپىق قويۇۋېتىلگەن پۇل سىياسىتى يۆنىلىشى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا نىسبەتەن بىر قەدەر كۈچلۈك قوللاش سالمىقى ساقلاپ قېلىنغان.
دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، 2026- يىلىنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى كۆپەيمە مىقدارى جەمئىي 9 تىرىليون 600 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 316 مىليارد 200 مىليون يۈەن كۆپ بولغان. 2 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، خەلق پۇلى قەرز قالدۇقى 277 تىرىليون 520 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6 ئېشىپ، مۇۋاپىق ئېشىش ۋەزىيىتى ساقلانغان. قۇرۇلما جەھەتتىن قارىغاندا، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق كىچىك، مىكرو قەرز پۇل قالدۇقى 37 تىرىليون 310 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.6 ئاشقان؛ ئۆي - زېمىن كەسپىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك قەرز پۇل قالدۇقى 60 تىرىليون 610 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.8 ئاشقان.
كارخانا ۋە ئاھالىلەرنىڭ قەرز ئېلىش، مەبلەغ سېلىش، ئىستېمال قىلىش ئارزۇسى كۈچىيىپ، ئومۇمىي ئىقتىسادنىڭ يۆتكىلىشچانلىقى كەڭ، ھاياتىي كۈچى ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىشىغا مۇۋاپىق پۇل مۇئامىلە مۇھىتى يارىتىلدى. نەنكەي داشۆسىنىڭ پۇل مۇئامىلىشۇناسلىق پىروفېسسورى تيەن لىخۇي تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ماكرو سىياسەت جەھەتتىن ئالدىن كۈچ چىقىرىلدى، بازاردا مەبلەغ مۇقىم، ئازادە بولدى، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش قۇۋۋىتى توپلانماقتا.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى









