يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ ئوربىتىدىكى دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ
جۇڭگو سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى ئوربىتىدا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، قىسمەن سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ خىزمەت ھالىتىنى ئەلالاشتۇرىدىكەن. يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىدا نۆۋەتتە ئوربىتىدا ئايلىنىۋاتقان سۈنئىي ھەمراھنىڭ سانى 50 كە يەتتى، نازۇك يەككە نۇقتىلىق ئورۇن بەلگىلەش مۇلازىمەت سىگنالى ئارقىلىق، ئورۇن بەلگىلەش سەۋىيىسىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى 0.3 مېتىردىن، ۋېرتىكال ئېنىقلىق دەرىجىسىنى 0.6 مېتىردىن ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى









