2025-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز-ئوكيان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 11 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، كۆك قۇۋۋەت تېخىمۇ كۈچەيدى
تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 2025-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز-ئوكيان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 11 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %5.5 كۆپىيىپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %7.9كە يەتتى. كېمىسازلىق ۋە دېڭىز سانائىتى جابدۇقلىرى، دېڭىز ئۈستى شامال ئېلېكتىرى، دېڭىز-ئوكيان بېلىقچىلىقى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ كۆلىمى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇردى.
ئۆتكەن بىر يىلدا، دېڭىز - ئوكيان گۈللەنمە كەسىپ ساھەسىدە، مەيلى دېڭىز - ئوكيان قۇرۇلۇش ئۈسكۈنىلىرى ياسىمىچىلىقى، دېڭىز - ئوكيان دورىلىرى ۋە بىئو ياسىمىچىلىق بولسۇن ياكى دېڭىز - ئوكيان ئېلېكتىر كۈچى كەسپى، دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش كەسپى بولسۇن، ھەممىسى ئۈزلۈكسىز زورايدى. تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى دېڭىز ئوكيان ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى ۋە ئىقتىساد مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شېن جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دېڭىز ئوكيان بىيو تېبابەتچىلىك دورىگەرلىكى، دېڭىز ئوكيان ئېنېرگىيەسى، دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش قاتارلىق دېڭىز ئوكيان گۈللەنمە كەسىپلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى 2024- يىلىدىكىدىن %7.3ئاشتى، خەلق ئىگىلىكى يېڭىلىققا، ئەلالىققا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، دېڭىز ئوكيان ئىقتىسادى كۈچلۈك «كۆك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ» بولۇش رولىنى جارى قىلدۇردى.
بۇنىڭدىن باشقا، دېڭىز ـ ئوكيان ئەنئەنىۋى كەسپى دېڭىز ـ ئوكيان ئىقتىسادىدىكى «مۇقىملاشتۇرغۇچ» بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقىرى تېخنىكىلىق بولۇش، ئەقلىيلىشىش يېشىلىشىشقا تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، % 5.4 لىك قوشۇلما قىممەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئارقىلىق دېڭىز ـ ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ ئىچكى ئەۋرىشىملىكىنى نامايان قىلدى.
15-بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، دېڭىز - ئوكياننى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دېڭىز - ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە دېڭىز ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش يولىدا مېڭىش كېرەك. تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى دېڭىز - ئوكيان ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلان ۋە ئىقتىساد مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مېڭ چىڭلېي مۇنداق دېدى: 15-بەش يىلدا، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى دېڭىز - ئوكيان بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك ئېچىپ پايدىلىنىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى









