ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جىلىن، نىڭشيا، جياڭشى ئۆگىنىش-تەربىيەنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تەرەققىيات يۆنىلىشىنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-03-22 09:58

جىلىن، نىڭشيا، جياڭشى قاتارلىق جايلار توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئۆگىنىش-تەربىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە، ئەمەلىي ئىشلەشكە پائال يېتەكلەپ، كادىرلارنىڭ ئىستىلدا بۇرۇلۇش ياسىشىغا، ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش، تەرەققىياتقا قۇۋۋەت قوشۇشقا تۈرتكە بولدى.
توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئۆگىنىش-تەربىيە پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان، جىلىن ئۆلكىسى بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش، دەرىجىمۇ دەرىجە ئۆتكەلنى ئىگىلەپ تەكشۈرۈش، مەخسۇس قاتتىق تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئايدىڭلاشتۇرغان سەككىز جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزەش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش، يېتەكچىلىك قىلىش، ياردەم بېرىش، ئەسكەرتىش، ئېغىشنى تۈزىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش-تەربىيەنىڭ پۇختا باشلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. جىلىن ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما پەنفېڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپىگە قارىتا، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيىلەر ئىزچىل تۈردە مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش-تەربىيە نەتىجىسىنى مەركەزنىڭ كۆزىتىش-تۈزىتىش جەھەتتە، «15-بەش يىل»لىق پىلاننى يولغا قويۇشتا، تەرەققىيات نەتىجىسىى جەھەتتە، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش جەھەتتە، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا نامايان قىلىپ، جىلىننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدى.
نىڭشيا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ھەمدە ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش، تۈزەش، قۇرۇشنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزەش كۈچلۈك بولمىغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى تەشكىلات 1-باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گاۋ يۈن مۇنداق دېدى: بىز ئۆگىنىش-تەربىيەنى مەركەزنىڭ كۆزىتىش-تۈزىتىش، <15-بەش يىل> لىق پىلاننى تۈزۈپ يولغا قويۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى نازارەت قىلىپ تۈزىتىش، شەھەر، ناھىيە، يېزىلارنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسىي نەتىجە قارىشى جەھەتتە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ئۆگىنىش-تەربىيەدىكى نەتىجىلەرنى ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇپ، گۈزەل يېڭى نىڭشيا قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىمىز.
جياڭشى ئۆلكىسى ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇش، تۈزىتىش، تۈزەش، قائىدە-تۈزۈم ئورنىتىش، ئوچۇق تەربىيە بېرىشتىن ئىبارەت بەش جەھەتتىن قول سېلىپ، سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەر تىزىملىكىگە سېلىشتۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە، كۆزىتىش، تەكشۈرۈش، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى، مالىيە-بوغالتىرلىق نازارەتچىلىكى، ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىكى قاتارلىق قايتما ئىنكاس مەسىلىلىرىگە سېلىشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇش قىلىپ، سىياسىي نەتىجە قارىشى جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆگىنىش-تەربىيە نەتىجىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسىگە ھەقىقىي ئايلاندۇردى، جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى تەشكىلات 3- باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جۇ جىفېڭ مۇنداق دېدى: بىز توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئۆگىنىش- تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلققە بەخت يارىتىش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئومۇمىي تەلىپىنى پۇختا ئىگىلىشىمىز كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلارنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەربىيەلىشىمىز ۋە يېتەكلىشىمىز كېرەك.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جىلىن، نىڭشيا، جياڭشى ئۆگىنىش-تەربىيەنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تەرەققىيات يۆنىلىشىنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتتى

جىلىن، نىڭشيا، جياڭشى قاتارلىق جايلار توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئۆگىنىش-تەربىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە، ئەمەلىي ئىشلەشكە پائال يېتەكلەپ، كادىرلارنىڭ ئىستىلدا بۇرۇلۇش ياسىشىغا، ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش، تەرەققىياتقا قۇۋۋەت قوشۇشقا تۈرتكە بولدى.