ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلىتىمىز سۇ تېجەش كەسپىدە يېڭى ئەسلىھە، يېڭى تېخنىكىنى قوللىنىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-03-22 10:02

 3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە بولغان 39-نۆۋەتلىك «جۇڭگو سۇ ھەپتىلىكى»باشلاندى. «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى ئۇدا چوڭ پەللىدىن ھالقىغان، ئاشلىق  مەھسۇلاتىدا يىلمۇيىل مول ھوسۇل ئېلىنغان ئەھۋالدا، سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارى ئاشمىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بىر تۈركۈم يېڭى ئەسلىھەلەر، يېڭى تېخنىكىلار كەڭ قوللىنىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ سۇ تېجەش ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
بۇ يىل ئەتىيازلىق پەرۋىشتە «گەپ قىلالايدىغان» ئەقلىي سۇ تىزگىنلەش ماشىنا ئادىمى قاتارلىق بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك يېڭى ئەسلىھەلىرى خېنەن ئۆلكىسى جۇكۇ شەھىرى شاڭشۈي ناھىيەسىدىكى تېرىقچىلارنىڭ ئېتىز پەرۋىشىدىكى «ياخشى ياردەمچىسى» گە ئايلاندى. ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىسى چيۇ شۇشيەننىڭ بۇيرۇق بېرىشى بىلەن، ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى پۈركۈگۈچتىن سۇ ئېتىلىپ چىقتى، بۇ يېڭى ئۈسكۈنە ئېتىزنىڭ مۇھىت سانلىق مەلۇماتىنى دەرقەمدە ئۆلچەپ تۇرالايدۇ ھەمدە سۇ مىقدارىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئۆز ئالدىغا بەلگىلىيەلەيدۇ. چيۇ شۇشيەن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى يەر تېرىغاندا، كۈندۈزدىلا سۇغۇرالايتۇق، ھەر مو يەرگە 40 كۇپ مېتىر ئەتراپىدا سۇ كېتەتتى، بۇ ئۈسكۈنە بولغاندىن كېيىن، ھەر قانداق ۋاقىتتا سۇغۇرالايدىغان بولدۇق، ھەر بىر مو يەرگە 10 نەچچە كۇپ مېتىر سۇ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەشغۇلات قىلىشمۇ ناھايىتى قولاي.
ھازىر، سۇ تېجەش جەڭ مەيدانى ئېتىز باشلىرىدىن شەھەرلەرنىڭ يەر ئاستىغىچە كېڭەيدى. ئەنخۇي ئۆلكىسى توڭلىڭ شۇچۇڭ سۇ ئىشلىرى شىركىتىنىڭ تەڭشەش مەركىزىدە، «يەر ئاستىدا سۇ ئېقىپ كېتىش» ئىشلىرى بىر تەرەپ قىلىنىۋاتاتتى. خىزمەتچىلەر رايونلارغا ئايرىپ ئۆلچەش سىستېمىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى ئارقىلىق، بىر ئولتۇراق رايوننىڭ كېچىدىكى سۇ مىقدارىدىكى نورمالسىزلىقنى سەزگۈرلۈك بىلەن ئىگىلىدى. ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى گو شېڭئەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ سىستېما شەھەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورىغا «تىڭشىغۇچ» ئورنىتىپ بەرگەنگە ئوخشايدۇ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىشلەش داۋامىدا، پەن-تېخنىكا قۇۋۋىتى ئارقىلىق يوچۇقلارنى تەكشۈرۈش ئۈنۈمىدە ماھىيەتلىك ھالقىش بولدى. گو شېڭئەن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى نوقۇل ئادەم كۈچىگە تايىنىپ سۇ ئېقىپ كېتىشنى تەكشۈرەتتۇق، بۇ دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەنگە باراۋەر ئىدى، يېڭى رايونلارغا ئايرىپ ئۆلچەش سىستېمىسىنى قوللانغاندىن بۇيان، سۇ مىقدارىنى%60 تىن ئارتۇق تېجەپ قالدۇق.
شىمالىي جۇڭگو سۇچىلىق، سۇ ئېلېكتىر داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى لېي خۇڭجۈن مۇنداق دەپ قارىدى: «14-بەش يىل»مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى ئۇدا چوڭ پەللىدىن ھالقىغان، ئاشلىق مەھسۇلاتىدا ئۇدا نەچچە يىل مول ھوسۇل ئېلىنغان ئەھۋالدا، سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارى ئاشمىدى، ئېتىزلاردىكى ئەقلىي سۇغىرىشتىن، شەھەرلەرنىڭ يەر ئاستى تۇرۇبا تورىنى «دەل جايىدا تەكشۈرۈش»كىچە، ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى سۇ تېجەش خىزمىتىنى يېپيېڭى باسقۇچقا ئېلىپ كىردى. تېخنىكا بىلەن ئاقىل سۇ ئىشلىرىنىڭ يۇغۇرۈلۈشى بىزنىڭ «ئىشتىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىش »تىن «ئالدىن ھۆكۈم قىلىش»قا قاراپ بۇرلۇش ياسىغىنىمىزدا، «يىرىك سۇ تېجەش» تىن «ئېھتىياجغا قاراپ سۇ ئىشلىتىش»كە،«سۈنئىي باشقۇرۇش»تىن «ئەقلىي ماسلاشتۇرۇش»قا بۇرۇلۇش ياسىغىنىمىزدا ئىپادىلەندى، بۇ سۇ ئىشلىتىش ئۇسۇلىمىزنى قايتا بەرپا قىلدى.
بۈگۈنكى كۈندە، دۆلىتىمىز كۆپ ساھەلەردە زور مىقداردا سۇ تېجەش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سىياسەت قاتلىمىدا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىپ، تېخنىكا قاتلىمىدا سىجىل بۆسۈش ھاسىل قىلدى، مەملىكەتلىك تېجەشلىك سۇ ئىشلىتىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جياڭ مۇچېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۇ تېجەش پەن ـ تېخنىكىسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پەن -تېخنىكىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىلدى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇغىرىش تېخنىكىسى، دەل جايىدا كۆزىتىش-ئۆلچەش ئەسۋابى ھەمدە ئاقىل سۇ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش سۇپىسى قۇرۇش قاتارلىق ئىلغار تېخنىكا جابدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش، ياساشقا ئىلھام بېرىلىپ ھەم ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەپ سۇغىرىش، يېڭىچە سانائەتنى سۇ تېجەشكە ئۆزگەرتىش، تۇرمۇشتا سۇ تېجەشچان ئەسۋابلارنى ئومۇملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيەگە سۇ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ يېشىل ئۆزگىرىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۆلىتىمىز سۇ تېجەش كەسپىدە يېڭى ئەسلىھە، يېڭى تېخنىكىنى قوللىنىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى

3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە بولغان 39-نۆۋەتلىك «جۇڭگو سۇ ھەپتىلىكى»باشلاندى.