خېبېي، شەنشى، ئەنخۇي مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پۇختا نەتىجە ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى
توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيە پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، جايلار ئەستايىدىل تەشكىللەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ يولغا قويۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پۇختا ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
خېبېي ئۆلكىسى مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە، كۆزىتىش، تەكشۈرۈش، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، نازارەت قىلىش قاتارلىق قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرگە سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىدە ساقلانغان پەرق ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، مەسىلە تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، مەسىلىنى تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى قاتلاممۇ قاتلام چىڭىتىپ، ئۆگىنىش-تەربىيەنىڭ كۈچلۈك، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇختا ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. خېبېي ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى تەشكىلات 1-باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لى لىنيۈەن مۇنداق دېدى: دەرىجە ۋە تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈشنى باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى ماڭدۇق. كېيىنكى قەدەمدە، بىز سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزىتىش، تۈزەش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش-تەربىيە نەتىجىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، «15-بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز.
شەنشى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، يېڭى ئەمەلدار كونا ھېسابقا ئىگە بولماسلىق، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىش، ساختىپەزلىك قىلىش، قارىغۇلارچە قاراملىق بىلەن ئىشلەش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزەشنى قانات يايدۇردى. ئۆگىنىش-تەربىيە مەزگىلىدە بىر تەرەپتىن تۈزىتىپ، بىر تەرەپتىن جىنايەت ئۆتكۈزگەن ياكى تۈزىتىش، تۈزەش كۈچلۈك بولمىغان، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى بەلگىلىمە، ئىنتىزام بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈردى. ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىغا ئۆگىنىش-تەربىيەنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى. شەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى تەشكىلات 3-باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ساۋ شياڭفېڭ مۇنداق دېدى: ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن ئۆلكىدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ قائىدە-تۈزۈملەرنى ئېنىق بىلىشىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەلەپكە ۋە ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، سىياسىي نەتىجە قارىشى جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تېپىپ چىقىپ، قانداق مەسىلە بولسا شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىلگەن ھامان تۈزىتىپ، دەرھال تەكشۈرۈپ دەرھال تۈزەتتۇق.
ئەنخۇي ئۆلكىسى مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي نەتىجە قارىشى جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تېپىپ چىقىپ، سىستېمىلىق، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش، بىرنى كۆپكە ئىبرەت قىلىش، قەتئىي تۈزىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بىر تۈركۈم سەلبىي دېلولارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاش، بىر تۈركۈم پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، بىر تۈركۈم ئىلغار تىپلارنى زور كۈچ بىلەن تاللاش، بىر تۈركۈم سىياسەت، بەلگىلىمىلەرنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، ئامما ئالدىرىغان، قىينالغان، غەم قىلغان، تەقەززا بولغان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلدۇق. ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم ئىشلىرى ئەزاسى پەن دىجۈن بىز «ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلققە بەخت يارىتىش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش» ئومۇمىي تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، دىققەتنى پۈتۈن جەرياندا يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپنى ساقلاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆلكە بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيەنى يولغا قويۇش لايىھىسىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ تۈزۈپ، بەش جەھەتتىكى 18 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرنى ئىنچىكە تۈزۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، ھەقىقىي تەكشۈرۈش، ھەقىقىي تۈزىتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ نەتىجە ھاسىل قىلدۇق.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت









