ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«15-بەش يىل»مەزگىلىدە كۆپلىگەن ساھەلەر بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، سېلىنما دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-03-23 15:50

جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، «15-بەش يىل»دىكى جۇڭگو: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يېڭى پۇرسەتنى بىرلىكتە يارىتىش»مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى بولدى. «15-بەش يىل»مەزگىلىدە، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، كەسىپ قاتارلىق ساھەلەردە بىر قاتار تەدبىرلەر يولغا قويۇلۇپ، سېلىنما دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ، ئىستېمال ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈلىدۇ.
مالىيە مىنىستىرى لەن فوئەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«15-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش جەھەتتە، تەكرار ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش قاتارلىق سىياسەت قوراللىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن ئىقتىدارى بار ئىستېمالنى ئۇرغۇتىمىز. ئىستېمالنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرىمىز ۋە زورايتىمىز. بۇ يىل 250 مىليارد يۈەن ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاھىدە زايوم ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى ئارقىلىق ئىچكى ئېھتىياجنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مەخسۇس مەبلەغدىن  100 مىليارد يۈەن ئاجرىتىلىپ، ئىستېمال ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
دۆلىتىمىز خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئوخشاش بولمىغان توپ، ئوخشاش بولمىغان ساھەلەرگە تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، مالىيە جەھەتتىن ئىختىساسلىقلارغا مەبلەغ سېلىشنى قوللاشنىڭ قاراتمىلىقىنى ئاشۇرىدۇ.
لەن فوئەن مۇنداق دېدى: مەسىلەن، ياشانغانلار ۋە بالىلارغا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىستېمال تولۇقلىمىسى تارقىتىلىپ، بالا بېقىش تولۇقلىمىسى تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ھەقسىز يەسلى مائارىپى سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئومۇمىي مەنپەئەتدار ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتى، كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئاپپاراتى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە مەدەت بېرىلىپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىلىپ، ئائىلىدە كۈتۈنۈش ۋە داۋالاش تەننەرخى تۆۋەنلىتىلىدۇ.
جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى پەن گۇڭشېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇۋاپىق كەڭ پۇل سىياسىتى داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، ئوبوروتنىڭ يېتەرلىك بولۇشى، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق ۋە تەڭپۇڭ سەۋىيەدىكى ئاساسىي مۇقىملىقى ساقلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ پاي چېكى بازىرى ۋە زايوم بازىرىنىڭ كۆلىمى دۇنيا بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدۇ، بازارنىڭ چوڭقۇرلۇقى، ئەۋرىشىملىكى ۋە يۆتكىلىشچانلىقى سىجىل ئاشتى. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئىلكىدىكى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى پاي چېكى، زايوم، ئامانەت قەرز قاتارلىق خەلق پۇلى پۇل مۇئامىلە مۈلكى 10 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى.
سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرى لى لېچېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كەلگۈسى كەسىپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تېخنىكىلىق ئالدىن كۆرەرلىك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەلگۈسى كەسىپلەر باشلامچى رايونى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، جايلارنى مەۋقەنى ئۆزىنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىگە قارىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەيمىز.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«15-بەش يىل»مەزگىلىدە كۆپلىگەن ساھەلەر بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، سېلىنما دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدۇ

جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، «15-بەش يىل»دىكى جۇڭگو: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يېڭى پۇرسەتنى بىرلىكتە يارىتىش»مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى بولدى.