ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2026-يىللىق يىغىنى مېھمانلارنىڭ چېگرادىن كىرىش يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-03-23 15:53

بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2026-يىللىق يىغىنى 3-ئاينىڭ  24-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە خەينەننىڭ بوئاۋدا ئېچىلىدۇ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى. 3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ، خەينەن ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ چېگرادىن كىرىش يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى.
3-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 7 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، سىنگاپوردىن ئۇچقان HU448 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان خەيكۇ مېيلەن خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا سىلىق قوندى، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ مەخسۇس تەكشۈرۈش يولىدا، مېيلەن چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلىرى يىغىنغا قاتنىشىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى مېھمانلارنىڭ چېگرادىن كىرىش رەسمىيىتىنى تېز بېجىرىپ بەردى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، خەيكۇ مېيلەن، چيۇڭخەي بوئاۋ ۋە سەنيا فېڭخۇاڭدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ خەلقئارا ئايرودروم بۇ قېتىمقى يىللىق يىغىندىكى نۇقتىلىق چېگرادىن كىرىش- چىقىش ئېغىزى بولۇپ، 3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن  باشلاپ ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ چېگرادىن كىرىش يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالغان. يىللىق يىغىن مەزگىلىدە  چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ تاموژنىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خەيكۇ چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى مۇنبەر يىللىق يىغىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش يولى تەسىس قىلىش، كۆپ تىللىق يېتەكلەش ئورنى تەسىس قىلىش، مەخسۇس خادىملارنى ئالدىنقى سەپتە كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق ئەندىزىلەر ئارقىلىق، يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنى «بىر كۆزنەك»لىك تاموژنىدىن ئۆتۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۆچرەتتە تۇرۇش ۋاقتىنى ئەڭ زور چەكتە قىسقارتتى.
خەيكۇ مېيلەن چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى چېگرا تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى كۇاڭ گورېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مۇددەتتىن بۇرۇن ۋىزا ئىلتىماس قىلمىغان، جىددىي ئېھتىياج بىلەن جۇڭگوغا كەلگەنلەرگە قارىتا، چېگرا ئېغىزى ۋىزىسى، ۋاقىتلىق چېگرادىن كىرىش ئىجازىتىنى تارقىتىشنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك چېگرادىن كىرىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىمىز.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2026-يىللىق يىغىنى مېھمانلارنىڭ چېگرادىن كىرىش يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى

بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2026-يىللىق يىغىنى 3-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە خەينەننىڭ بوئاۋدا ئېچىلىدۇ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى.