چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە باھار سەيلىسى گۈل سەيلىسى قىزىپ كەتتى
چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، كىشىلەر ئۆيلىرىدىن چىقىپ، باھار سەيلىسى قىلىپ، گۈل-گىياھلارنى تاماشا قىلىپ، ئۆرپ-ئادەتلەرنى ھېس قىلىپ، باھارنىڭ ياخشى پەيتىدىن بەھرىمەن بولدى.
باھار ئېكولوگىيە گۈزەللىكىدىن بەھرىمەن بولىدىغان مەزگىل. تيەنجىن 5-چوڭ يولى مەدەنىيەت-ساياھەت رايونىدا نەچچە مىڭ تۈپ تاشئالما چېچەكلىدى، كىشىلەر گۈل دېڭىزىدا تۇرۇپ، باھارنىڭ رومانتىكلىقىنى ھېس قىلدى. تاشئالما باش تېما قىلىنغان مەدەنىيەت ئىجادىيەت بازىرى، 100 دىن ئارتۇق «تاشئالما كىچىك دۇكىنى» گۈل سەيلىسى قىلىش قىزغىنلىقىنى ئىستېمال مەنزىرىسىگىچە داۋاملاشتۇردى. ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخوتتا شاپتۇل چېچەكلىدى، چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، جۇڭگوچە كىيىم-كېچەك سەيلىسى، خېمىر ھەيكەل ياساش قاتارلىق پائالىيەتلەر ساياھەتچىلەرنىڭ تەسىراتىنى بېيىتتى. خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرى شياڭفېڭ كەنتى گۈلنى ۋاسىتە قىلىپ، يېزا-كەنت ھويلىسىغا تايىنىپ، ھويلا-ئارام ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەسلىھەلەرنى يۈرۈشلەشتۈردى. چىڭمىڭلىق دەم ئېلىشنىڭ بىرىنچى كۈنى، يېزا-كەنت ھويلىسى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى.
مىللىي ئۆرپ-ئادەتنى ھېس قىلىپ، مەدەنىيەتتىن ھۇزۇرلاندى. چۇڭچىڭ رۇڭچاڭ، سىچۈەن نېيجياڭدىكى 200 كەنت ئاھالىسى بىرلىكتە ياشلار ئۆمىكى تەشكىللەپ، مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىرگە، قوشنىلار ئارا دوستلۇقنى كۈچەيتتى. شەنشىنىڭ خۇايىن سىجيا كەنتىدە، ھەر قېتىم چىڭمىڭلىق دەم ئېلىشتا ساياھەتچىلەر بۇ يەردە ئىلەڭگۈچ ئۇچۇشتىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، يەنە خۇايىن ئەلنەغمىسىدىن ھۇزۇرلىنىپ، شۇ جاينىڭ ئېسىل تائاملىرىنى تېتىيالايدۇ.
چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە تەتقىق قىلىش-ئۆگىنىش ساياھىتى قىزىپ كەتتى. ئەنخۇي ئۆلكىسى خۇيجۇ مەدەنىيىتى، ئېكولوگىيەلىك تەبىئەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەتىيازلىق تەتقىق قىلىش 50 مەھسۇلاتىنى ئېلان قىلدى. جياڭسۇنىڭ جىڭجياڭ شەھىرى سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە تەتقىق قىلىش-ئۆگىنىش سەپىرى تەشكىللەپ، كارخانا، يېزا-كەنتلەرگە بېرىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، شەھەر تەرەققىياتىنى ھېس قىلدۇردى. گۇيجۇدىكى نۇرغۇن جايلار گېئولوگىيە ساياھىتى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت ساياھىتى قاتارلىق ئۆزگىچە تەتقىق قىلىش-ئۆگىنىش لىنىيەلىرىنى ئېچىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت سارايلىرىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، چۈشەندۈرۈش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، بالىلارنىڭ بىلىم ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت









