ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-04-05 10:30

* دۆلەتلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى يىنىكلىتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كومىتېتى ئىشخانىسى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلاردىن چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئاپەت خېيىم-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەردىكى ئاپەتكە چېتىشلىق خېيىم-خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تەييارلىق كۆرۈشنى تەلەپ قىلدى.

* سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئون تارماق يېقىندا «سۈنئىي ئەقىل پەن-تېخنىكا ئېتىكىسىنى تەكشۈرۈش ۋە مۇلازىمەت چارىسى (سىنىقى)» نى ئېلان قىلدى. «چارە» دە: سۈنئىي ئەقىل پەن تېخنىكا پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا پەن تېخنىكا ئېتىكا تەلىپىنى پۈتكۈل جەريانغا سىڭدۈرۈپ، كونترول قىلغىلى بولىدىغان، ئىشەنچلىك سۈنئىي ئەقىل پەن تېخنىكا ئېتىكا پىرىنسىپىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى، قانۇن نىزاملىرى ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

* ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش يۈز كۈنلۈك ھەرىكىتى»نى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇپ، 2026-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يۈزلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى، تەكلىپ قىلىش مۇلازىمىتى، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش، كەسپىي جەھەتتىن يېتەكلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنى مەكتەپلەرگە يەتكۈزدى. ھەرىكەت 7-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى يىنىكلىتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كومىتېتى ئىشخانىسى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلاردىن چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئاپەت خېيىم-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەردىكى ئاپەتكە چېتىشلىق خېيىم-خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تەييارلىق كۆرۈشنى تەلەپ قىلدى.