چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە يولۇچىلار يۇقىرى پەللىسى كۈتۈۋېلىندى
4-ئاينىڭ 4-كۈنى چىڭمىڭلىق دەم ئېلىشنىڭ تۇنجى كۈنى بولۇپ، سەپەرگە چىققانلار يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلدى. قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 4-ئاينىڭ 4-كۈنى پۈتۈن جەمئىيەتتە رايون ھالقىپ يۆتكەلگەنلەر تەخمىنەن 296 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەن.
4-ئاينىڭ 4-كۈنى، مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يوللاردا 21 مىليون 900 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلغان، 1173 يولۇچىلار پويىزىنى كۆپەيتىپ سەپلەش پىلانلانغان. گۇاڭجۇ، جېڭجۇ، ۋۇخەن قاتارلىق جايلاردا يولۇچىلارنىڭ كۆكلەم سەيلىسى قىلىش، قەبرە سۈپۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، 4-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ كېچىلىك يۇقۇرى سۈرئەتلىك پويىزى ۋە چېچەك سەيلىسى پويىزى كۆپەيتتى.
4-ئاينىڭ 4-كۈنى، تاشيولدا سەپەرگە چىقىش مىقدارى ئۈچ كۈنلۈك دەم ئېلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتتى، مەملىكەت بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردىكى ئاپتوموبىللار تەخمىنەن 64 مىليون 500 مىڭغا يەتتى. قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى يول تورى مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن باشلاپ، ھەر قايسى رايونلارنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرىنىڭ شەھەردىن چىقىش يۆنىلىشىدە ئاپتوموبىللار كۆپەيگەن.
مەملىكەت بويىچە خەلق ئاۋىياتسىيىسىدە 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 1 مىليون 920 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلدى. مەملىكەت بويىچە سۇ يولىدا توشۇلغان يولۇچى 1 مىليون 353 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.7 ئاشتى. چيۇڭجۇ بوغۇزى سەپەرگە چىقىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، دېڭىز ئىشلىرى تارماقلىرى شوپۇرلار ۋە يولۇچىلارغا سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن ئالدىن كېلىشىپ بېلەت سېتىۋېلىپ، پورتتىن ئۆتۈشنى ساقلاش ۋاقتىنى قىسقارتىشىنى ئەسكەرتتى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









