ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلىتىمىز دەپنە ئىشلىرى كەسپىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېشىل، مەدەنىي يېڭى ئىستىلنى تەشەببۇس قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-04-05 10:35

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 4-ئاينىڭ 4-كۈنى، مەملىكەت بويىچە نەق مەيداندا كۈتۈۋېلىنغان قەبرە سۈپۈرگەنلەر تەخمىنەن 19 مىليون 289 مىڭ 300 ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن، ئاممىنىڭ قەبرە سۈپۈرۈش پائالىيىتى مۇقىم، تەرتىپلىك بولغان، مەدەنىي، يېشىل قەبرە سۈپۈرۈش، يەرنى تېجەپ ئېكولوگىيەلىك دەپنە قىلىش نۇرغۇن ئاممىنىڭ يېڭى تاللىشى بولۇپ قالغان.
4-ئاينىڭ 4-كۈنى، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 66 مىڭ 300 دەپنە ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئاپپاراتى نەق مەيداندا قەبرە سۈپۈرۈش مۇلازىمىتى قىلدى، جايلار مۇلازىمەت ۋاقتىنى ئۇزارتىش، مۇلازىمەت كۆزنىكىنى كۆپەيتىش، يېشىل يول ئېچىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئاممىنىڭ قەبرە سۈپۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇردى، يېشىل ئېكولوگىيەلىك قەبرە سۈپۈرۈش ئۇسۇلىنى تاللىغان ئامما قەبرە سۈپۈرۈش ئومۇمىي سانىنىڭ %60 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، گۈل تەقدىم قىلىش، لېنتا باغلاپ بەخت تىلەش، كۆچەت تىكىپ خاتىرىلەش قاتارلىق مەدەنىي، يېشىل قەبرە سۈپۈرۈش ئۇسۇلى نۇرغۇن ئاممىنىڭ تاللىشىغا ئايلاندى، مەملىكەت بويىچە 857 توردا قەبرە سۈپۈرۈش سۇپىسى توردا قەبرە سۈپۈرىدىغانلارغا 260 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك مۇلازىمەت قىلدى. يېشىل قەبرە سۈپۈرۈشتىن باشقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دەرەخ تۈۋىگە، گۈللۈككە، دېڭىزغا دەپنە قىلىش قاتارلىق يەر تېجەپ ئېكولوگىيەلىك دەپنە قىلىش سانىمۇ يىلدىن-يىلغا كۆپىيىپ، %4 نى ئىگىلىدى، ھازىر، مەملىكەت بويىچە 28 ئۆلكە يەر تېجەپ ئېكولوگىيەلىك دەپنە قىلىشنى يولغا قويۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك دەپنە قىلىش مۇكاپات-تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى يولغا قويدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ دەپنە ئىشلىرى كەسپىنىڭ ئاممىۋى  پاراۋانلىق خاراكتېرى يەنىمۇ كۈچەيدى، بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار بىرلىكتە بارلىق ئۆلكىلەرنىڭ دەپنە ئىشلىرى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ باھا ۋە ھەق ئېلىشنى توردا مەركەزلىك ئېلان قىلىشنى تاماملىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەپنە ئىشلىرى مۇلازىمەت ھەققى ئېنىق بولماسلىق، ئاممىنىڭ سۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. نۆۋەتتە، بارلىق جايلار دەپنە ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ ئاساسىي تۈرى ۋە ئاساسىي بولمىغان تۈرلىرىدىن ئىبارەت «ئىككى تىزىملىك»نى بەرپا قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ھۆكۈمەت بېكىتكەن باھا ياكى ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسىنى يولغا قويغان مۇلازىمەت تۈرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە تۈر ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %40 تىن ئېشىپ، تىزىملىك سىرتىدا ھەق ئالماسلىق ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 
 تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
 سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۆلىتىمىز دەپنە ئىشلىرى كەسپىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېشىل، مەدەنىي يېڭى ئىستىلنى تەشەببۇس قىلدى

دۆلىتىمىز دەپنە ئىشلىرى كەسپىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېشىل، مەدەنىي يېڭى ئىستىلنى تەشەببۇس قىلدى