ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جېجياڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى، شىزاڭ خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى تېز ئىلگىرى سۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-04-05 10:34

«15-بەش يىللىق» يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىنىڭ بىرى قىلىندى. جېجياڭ، شىزاڭ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.
بۇ مەزگىلدە، جېجياڭ ئۆلكە بويىچە ئاساسىي قاتلامنىڭ  39 تۈرلۈك تۇنجى ئىجادىيەت تەجرىبىسى ۋە ئۇسۇلىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ رايون، قاتلام، ئوقۇش باسقۇچى، مەكتەپ ھالقىغان ئىشتاتىنى جانلىق تەڭشەش سىنىقىنى قىلدى؛ ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان، شەھەر-يېزا بىر گەۋدىلەشكەن، تەڭ قەدەملىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئورتاق بېيىش تىپىدىكى ئۇزۇن مەزگىل ئىقتىدارىدىن قالغانلار كۈتۈنۈش سوغۇرتىسى تۈزۈمى سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلدى؛ «ئاقىل كۆچمە دوختۇرخانا»سەييارە دىياگنوز قويۇش-داۋالاش پارخوتى، دىياگنوز قويۇش-داۋالاش ئاپتوموبىلىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىپاخانا تەسىس قىلىنمىغان چەت، يىراق مەمۇرىي كەنتلەرگە قارىتا، بەلگىلەنگەن ۋاقىت، بەلگىلەنگەن نۇقتىدا كەنتلەرگە بېرىپ، «كېسەل كۆرسىتىش، تەكشۈرۈش، راسچوت قىلىش، دورا ئېلىش» تىن ئىبارەت بىر كۆزنەكلىك مۇلازىمەت قىلدى.
«15-بەش يىللىق»يىرىك پىلان پروگراممىسىدا ئاساسىي ئاممىۋى  مۇلازىمەتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى ۋە ئېرىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «15-بەش يىل»مەزگىلىدە، جېجياڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، نوپۇس ئۆزگىرىشى بىلەن ماسلاشقان ئاساسىي مائارىپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى، تەنتەربىيە، بەدەن چېنىقتۇرۇش قاتارلىق ئەسلىھەلەر ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش تىپىدىكى كۈتۈنۈش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيە (شەھەر، رايون)نى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ رازىمەنلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىدۇ.
يېقىندا، شىزاڭ تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك ئاممىۋىي مۇلازىمەت بايلىقىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا كېڭىيىشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈردى. 4-تۈركۈمدە دۆلەتنىڭ رايون داۋالاش مەركىزى تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن سىچۈەن داشۆسى خۇاشى دوختۇرخانىسىنىڭ شىزاڭ دوختۇرخانىسى، سىچۈەن داشۆسى خۇاشى 2-دوختۇرخانىسىنىڭ شىزاڭ دوختۇرخانىسى جىددىي قۇرۇلماقتا، ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئۆلكە ھالقىپ داۋالىنىش يۈكى يېنىكلەپ، ئېگىزلىك رايونىدا ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقى يېتەرسىز بولۇش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك  ھەل قىلىنىدۇ.
«15-بەش يىل»مەزگىلىدە، شىزاڭ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن ئاساسى ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇشقا تەڭ كۈچ چىقىرىدۇ. ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنى ئۇدۇللۇق تۈگىتىش، ئىش تېپىپ بېرىش يولى بىلەن قۇتقۇزۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى كىرىمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ناھىيە داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، ۋىلايەت، شەھەرلەردە ئومۇمي مەنپەئەتدار ھاۋالىلىك بېقىشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭىدىن بىر تۈركۈم كەنت «ئاھالىلەر كومىتېتى» يەسلىسى ۋە يېزا بەخت ساناتورىيەسىنى قۇرۇپ، مائارىپ، داۋالاش، «ياشانغانلار ۋە بالىلار »نىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرىدۇ.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جېجياڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى، شىزاڭ خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى تېز ئىلگىرى سۈردى

«15-بەش يىللىق» يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىنىڭ بىرى قىلىندى.