5-نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنى جياڭشىنىڭ نەنچاڭدا ئۆتكۈزۈلدى
5-نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى جياڭشىنىڭ نەنچاڭدا ئۆتكۈزۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە 2026-يىللىق «ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى ھەپتىلىكى» باشلاندى. يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەزەلدىن كىتاب ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى تەشەببۇس قىلىپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە دۆلەت ئىرادىسىگە كۆتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى مىسلىسىز تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار مۇنداق دەپ قارىدى:«ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنىڭ مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كىتاب ئوقۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان قويۇق ئىجتىمائىي كەيپىيات يېتىلدۈرۈپ، كىشىلەردە ئۆمۈرۋايەت كىتاب ئوقۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈش كېرەك. بۇ قېتىمقى يىغىندا «ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلىكتە كىتاپخۇمار جەمئىيەت بەرپا قىلىش» باش تېما قىلىندى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل









