2025-يىلى دۆلىتىمىزدە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئوتتۇرىچە قەغەز كىتاب ئوقۇش مىقدارى 4.81 پارچە بولدى
23-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە پۇقرالارنىڭ كىتاب ئوقۇشىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېلان قىلىندى، سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2025-يىلىغىچە دۆلىتىمىزدىكى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان قەغەز كىتاب ئوقۇش مىقدارى 4.81 پارچە بولغان، ئۇنىڭدىن باشقا، رەقەملەشكەن كىتاب ئوقۇش كۈندىلىك تۇرمۇشقا چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەن، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر كىتاب ئاڭلاش ۋە ۋىدېيو ئارقىلىق كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلىنى تاللىغان بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم 2024 - يىلىدىكى %38.5 ۋە %5.7تىن ئېشىپ 2025-يىلى %38.7 ۋە %6.3كە يەتكەن.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل









