ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگونىڭ ئادەمسىمان ماشىنا ئادىمىنىڭ چەتئەللەرگە يۈزلىنشى قەدىمى تېزلىدى، ماشىنا ئادەم كەسپىدە ئۈزلۈكسىز دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سىگنالى قويۇپ بېرىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-04-21 16:07

نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدە ماشىنا ئادەم كەسپى داۋاملىق تەرەققىي قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ماشىنا ئادەم كەسپى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، ماشىنا ئادەم ئېكسپورتى سىجىل يۇقىرى سۈرئەتتە ئاشتى. كەسىپ زەنجىرىدىكى ئالاقىدار زاپچاس كارخانىلىرىنىڭ زاكاز تالونى يېتىشەلمەي قالدى.
تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ ماشىنا ـ ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى 4 تىرىليون 340 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %60 نى ئىگىلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ۋەكىلى، كەلگۈسى كەسىپنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلىتىمىز ئىشلەپچىقارغان تۈرلۈك «ماشىنا ئادەم»لەر دۇنيادىكى 140 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا ئېكسپورت قىلىنىپ، جۇڭگو تاشقى سودىسىنىڭ يېڭى بەلگىسى بولۇپ قالغان. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماشىنا ئادەم ئىستېمال بازىرى ۋە مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى بولغان جۇڭگونىڭ ئادەمسىمان ماشىنا ئادىمىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى دۇنيادىكى ماشىنا ئادەم مىقدارىنىڭ %80 نى ئىگىلەيدۇ.
ۋۇخۇدىكى بىر ماشىنا ئادەم ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدا، مۇخبىر چەتئەلگە ئېكىسپورت قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان بىر تۈركۈم ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم ۋە ماشىنا ئىتلارنىڭ رەتلىك تىزىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى. شىركەتنىڭ چەت ئەلدىكى سېتىش مەسئۇلى شېن شيەنتيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ماشىنا ئىتنىڭ 13 ئەركىن بوغۇمى بار بولۇپ، 5 كىلوگىرام ئېغىرلىقنى كۆتۈرەلەيدۇ، ئۇدا ئىككى سائەت ماڭالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كېچىدە يورىتىلغان ھالەتتە تۇرىدۇ، ئادەم كۈچى بىلەن يېتىپ بېرىش تەس بولغان تار رايونلارغا ئىچكىرىلەپ كىرەلەيدۇ، شۇڭا نۇرغۇن چەتئەللىك خېرىدارلار خوجىلىق، زاۋۇت رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئىشلىتىدۇ. بۇ ماشىنا ئادەملەرنىڭ ھازىر 11 خىل تىل ئىقتىدارى بار بولۇپ، ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە رايونلارغا مۇلازىمەت قىلالايدۇ.
شېن شيەنتيەن مۇنداق دېدى: ھازىر بىزنىڭ ئادەمسىمان ماشىنا ئادىمىمىز ۋە ماشىنا ئىتىمىز 30 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا ئېكسپورت قىلىندى، مەسىلەن، ياۋروپادا بىز ئەنگلىيە، پولشا، ئىتالىيەگە ساتتۇق. بۇ دۆلەتلەر تۈركۈملەپ ئىمپورت قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى، تۈركۈملەپ ئىمپورت قىلىش مەھسۇلاتنىڭ پىشىش دەرىجىسىنىڭ بەلگىلىك باسقۇچقا يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئادەمسىمان ماشىنا ئادەمنىڭ بوغۇم گۇرۇپپىسى سۈرئەت ئاستىلاتقۇچ، كود تۈزگۈچ قاتارلىق بىر نەچچە خىل يادرولۇق زاپچاسلاردىن تەركىب تاپىدۇ، بوغۇم گۇرۇپپىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى ھەر خىل زاپچاس كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىمۇ پارتلاش خاراكتېرلىك ئاشتى.
يەنە بىر سانائەت ماشىنا ئادەم كارخانىسىدا ھەر 12 مىنۇتتا بىر دانە ئالتە ئوقلۇق سانائەت ماشىنا ئادىمى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.
مەلۇم شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: ئالتە ئوق سانائەت ماشىنا ئادىمىنىڭ ئالتە بوغۇمىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئالتە بوغۇمغا ئالتە سۈرئەت ئاستىلاتقۇچ كېتىدۇ، بىر ئاپتوموبىلدا 2000 كەپشەرلەش نۇقتىسى بار، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇنداق چوڭ ماشىنا ئادەم كەپشەرلەيدۇ.
ئوتتۇرا قىسىمدىكى تاشقى سودا چوڭ ئۆلكىسى ئەنخۇينىڭ ماشىنا ئادەم ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 10 يىلدا 30 ھەسسە ئاشتى ھەمدە ئېكىسپورت مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. تاموژنا خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 10 يىل ئىلگىرى ماشىنا ئادەمنىڭ ئېكىسپورت بېجى تۈرى ئاران بەش خىل ئىكەن. تاموژنا باج تۈرلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىشى دۆلىتىمىزنىڭ ماشىنا ئادەم ئېكسپورت تۈرلىرىنىڭ سىجىل كېڭەيگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ماشىنا ئادەم كەسپىنىڭ ئىنچىكىلىشىش، كەسىپلىشىش، ئەقلىيلىشىش يۆنىلىشىگە قاراپ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، ئېكسپورت رىقابەت كۈچىنىڭ مۇقىم ئاشقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگونىڭ ئادەمسىمان ماشىنا ئادىمىنىڭ چەتئەللەرگە يۈزلىنشى قەدىمى تېزلىدى، ماشىنا ئادەم كەسپىدە ئۈزلۈكسىز دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سىگنالى قويۇپ بېرىلدى

نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدە ماشىنا ئادەم كەسپى داۋاملىق تەرەققىي قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ماشىنا ئادەم كەسپى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، ماشىنا ئادەم ئېكسپورتى سىجىل يۇقىرى سۈرئەتتە ئاشتى. كەسىپ زەنجىرىدىكى ئالاقىدار زاپچاس كارخانىلىرىنىڭ زاكاز تالونى يېتىشەلمەي قالدى.