3 - ئايدا، دۆلىتىمىزدە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.5 ئېشىپ، توكلاش، توك ئالماشتۇرۇش، ئىنتېرنېت سانلىق مەلۇمات مۇلازىمەتچىلىكىدە توك ئىشلىتىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى
دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 3-ئايدا، دۆلىتىمىزدە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 859 مىليارد 500 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.5 ئاشتى. توكلاش، ئالماشتۇرۇش، ئىنتېرنېت سانلىق مەلۇمات مۇلازىمەتچىلىكىدە توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك بولدى.
ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 3 - ئايدا دۆلىتىمىزدە 1 - كەسىپدە توك ئىشلىتىش مىقدارى 11 مىليارد 300 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.7 ئاشقان. 2 - كەسىپتە توك ئىشلىتىش مىقدارى 570 مىليارد 800 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2 ئاشقان. 3ـ كەسىپتە توك ئىشلىتىش مىقدارى 160 مىليارد 100 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئاشقان؛ بۇنىڭ ئىچىدە توكلاش، ئالماشتۇرۇش مۇلازىمەتچىلىكى، ئىنتېرنېت سانلىق مەلۇمات مۇلازىمەتچىلىكىدە توك ئىشلىتىش مىقدارى ئايرىم ـ ئايرىم 13 مىليارد كىلوۋات سائەت، 8 مىليارد كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم ـ ئايرىم %51.3 ۋە %40.1 گە يەتكەن. شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان توك مىقدارى 117 مىليارد 200 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.2 ئاشقان. بۇنىڭغا قارىتا، جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كارخانىلىرى بىرلەشمىسى ئىستاتىستىكا ۋە رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىيلەشتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى ۋۇ لىچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: توكلاش، ئالماشتۇرۇش مۇلازىمەتچىلىكىدە توك ئىشلىتىش مىقدارى %50 ئاشتى، بۇ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە توكلاش تورى تەرەققىياتىنىڭ تېزلەشكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، ئىنتېرنېت سانلىق مەلۇمات مۇلازىمەتچىلىكىدە %40 ئېشىش AI ھېسابلاش كۈچى ۋە سانلىق مەلۇمات مەركىزى قۇرۇلۇشىنىڭ تېز سۈرەتتە ئەمەلىيلەشكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈردى. بۇ ئىككىسى يېشىل سەپەرگە چىقىش ۋە ئەقلىي ئىقتىسادنىڭ كۈچلۈك قۇۋۋىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
1-پەسىلدىن قارىغاندا، دۆلىتىمىزدە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 2 تىرىليون 510 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.2 ئاشقان. كەسىپلەر بويىچە توك ئىشلىتىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 1 - كەسىپتە توك ئىشلىتىش مىقدارى 33 مىليارد 600 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.1 ئاشقان. 2ـ كەسىپتە توك ئىشلىتىش مىقدارى 1 تىرىليون 598 مىليارد 700 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.7 ئاشقان؛ 3ـ كەسىپتە توك ئىشلىتىش مىقدارى 483 مىليارد 300 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.1 ئاشقان؛ ۋۇ لىچياڭ مۇنداق دېدى: 1 - پەسىلدە، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ تېز ئىشىشى دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىدا ئىشنىڭ ياخشى باشلانغانلىقى، تاشقى ئېھتىياجنىڭ ياخشىلانغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
ۋۇ لىچياڭ مۇنداق دېدى: 1- پەسىلدە، دۆلىتىمىزدە 2-،3-كەسىپ ۋە ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان توك مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ئاز ئاشتى، 2-كەسىپ پۈتۈن جەمىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق تۈرتكىلىك كۈچ بولدى. يۇقىرى تېخنىكا ۋە جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ 1 - پەسىلدىكى توك ئىشلىتىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.6 ئېشىپ، 5 پوئېنت كۆپىيىپ، توك ئىشلىتىش مىقدارى گەۋدىلىك بولدى؛ بۇنىڭ ئىچىدە سۈنئىي ئەقل، بىيو ياسىمىچىلىق قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەردىكى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تۈرتكىسىدە، ئېلېكتىر ماشىنىلىرى ۋە ئەسۋاب - ئۈسكۈنە ياسىمىچىلىقى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولۇپ، توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل









