ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«15-بەش يىلنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش» ھەققىدىكى مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تيەنجىن، جياڭشىنىڭ «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى ۋە زور ۋەزىپىلىرى تونۇشتۇرۇلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-04-29 14:43

تيەنجىن ۋە جياڭشى يېقىندا «15-بەش يىلنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش» ھەققىدىكى مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئېچىپ، شۇ جايلارنىڭ «15-بەش يىللىق» پىلان پىروگراممىسىنى چۆرىدەپ، «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاساسلىق نىشانى ۋە زور ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇردى.
«15-بەش يىل» مەزگىلى-تيەنجىننى سوتسىيالىستىك زامانىۋى چوڭ شەھەر قىلىپ ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىشتىكى ھالقىلىق مەزگىل. تيەنجىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش قاتارلىق ئالتە چوڭ ساھەنى چۆرىدەپ 25 تۈرلۈك كونكرېت كۆرسەتكۈچ تەسىس قىلىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش، مائارىپ، پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈش، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ساھەلەر بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشتا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلدى. تيەنجىن شەھىرىنىڭ باشلىقى جاڭ گۇڭ مۇنداق دېدى: 15-بەش يىل مەزگىلىدە، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تيەنجىن خىزمىتى توغرىسىدىكى سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچى قىلىپ، مۇقىم بولۇش بىلەن ئىلگىرىلەش، سۈرئەت بىلەن ئۈنۈم، سۈپەت بىلەن مىقدارنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشى ۋە ئۆزئارا تولۇقلىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش جەھەتتە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، كۈچنى مۇجەسسەملەش جەھەتتە غەيرەت بىلەن ئالغا بېسىپ، تيەنجىننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز.
«15-بەش يىل» مەزگىلىدە، تيەنجىن زامانىۋى پايتەخت شەھەر چەمبىرىكى، بېيجىڭ (بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي) خەلقئارا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى بىرلىكتە قۇرۇشنى تېزلىتىدۇ؛ زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، «15-بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ياسىمىچىلىق قوشۇلما قىممىتىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %20 تىن ئاشۇرۇپ، كەسىپلەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، ئۆزگىچە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى 3500 گە يەتكۈزىدۇ؛ 100 تۈرلۈك ھالقىلىق، يادرولۇق ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى باشلامچى تېخنىكىدا نۇقتىلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ بۆسۈش ياسايدۇ؛ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كەلگۈسى بەش يىلدا يۈك ساندۇقى نۆۋەتچى پاراخوتى قاتناش لىنىيەسىنى 155 كە، تاشقى سودا قاتناش لىنىيەسىنى 100 گە يەتكۈزۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەھەرنى يېڭىلاش تۈرىدىن 50 نى يۇقىرى سۈپەتتە يولغا قويۇپ، شەھەر ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرىدۇ.
«15-بەش يىل» مەزگىلىدە، جياڭشى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى باش تېما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ ۋە يۇغۇرۇلۇپ، جياڭشىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تىرىشىپ ئورنىتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرىدۇ. جياڭشى ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئېكولوگىيەنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، 28 تۈرلۈك ئاساسلىق كۆرسەتكۈچ، 159 تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى يې جيەنچۈن مۇنداق دېدى: بىز «15-بەش يىل» مەزگىلىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ قەتئىي تەۋرەنمەي باتۇرلۇق بىلەن ئالغا بېسىپ، ئىككىنى تىكلەشنىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىككىنى قوغداشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتە تىرىشىپ ئالدىدا مېڭىپ، ئوتتۇرا رايوننىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشتا باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ياخشى نەتىجە يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جياڭشى سەھىپىسىنى يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى باشلانمىدا تىرىشىپ يېزىپ چىقىمىز.
جياڭشى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر يۇغۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «15-بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغىچە ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر، رەڭلىك مېتال، جابدۇق ياسىمىچىلىقىدىن ئىبارەت تىرىليون يۈەن دەرىجىلىك كەسىپتىن ئۈچنى بەرپا قىلىپ، 500 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك، 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك تېخىمۇ كۆپ كەسىپنى شەكىللەندۈرىدۇ. جياڭشى دىققەتنى ئىچكى-تاشقى قوش ئايلىنىشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ۋە يۇغۇرۇلۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىپ، 12 مىڭدىن ئارتۇق «15-بەش يىللىق» چوڭ تۈرنى پىلانلاپ، 6 تىرىليون يۈەن ئەتراپىدا مەبلەغ سېلىشنى مۆلچەرلىدى. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جەھەتتە، جياڭشى گۈزەل شەھەر، گۈزەل يېزا-كەنت، گۈزەل دەريا-كۆل قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، چاڭجياڭ دەرياسى ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەيدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«15-بەش يىلنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش» ھەققىدىكى مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تيەنجىن، جياڭشىنىڭ «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى ۋە زور ۋەزىپىلىرى تونۇشتۇرۇلدى

تيەنجىن ۋە جياڭشى يېقىندا «15-بەش يىلنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش» ھەققىدىكى مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئېچىپ، شۇ جايلارنىڭ «15-بەش يىللىق» پىلان پىروگراممىسىنى چۆرىدەپ، «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاساسلىق نىشانى ۋە زور ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇردى.