ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلىتىمىز كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئىقتىدارى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-04-29 14:44

«مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئىقتىدارى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» يېقىندا ئېلان قىلىندى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى گوۋۇيۈەن سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىنى ئاچتى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «15-بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىز كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، مۇلازىمەتچىلىكنى رەقەملەشتۈرۈش ۋە ئەقلىيلەشتۈرۈش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، يۇغۇرۇش، خەلقئارالاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.
«پىكىر»دە، 2030-يىلىغا بارغاندا، دۆلىتىمىز مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ كۆلىمى 100 تىرىليون يۈەنلىك پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شېن جۇلىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «15-بەش يىل» مەزگىلىدە، مۇلازىمەتچىلىكتە ساقلىنىۋاتقان تەمىنات بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى يوچۇققا قارىتا، مۇلازىمەت تەمىناتى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى ۋە مۇلازىمەت سودىسىنىڭ يېڭى بوشلۇقى يېتىلدۈرۈلۈپ، كەسىپ زەنجىرى، قىممەت زەنجىرىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە قەدەم قويۇشى تېزلىتىلىدۇ. شېن جۇلىن مۇنداق دېدى: ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەتچىلىك جەھەتتە، پەن-تېخنىكا مۇلازىمىتى، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى، ئۇچۇر يۇمشاق دېتال مۇلازىمىتى، تەمىنات زەنجىرىدىكى پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىت ئاسراش، سودا مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت ئالتە چوڭ ساھەدىكى 17 نۇقتىلىق ھالقىنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىلىدۇ. تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەتچىلىك جەھەتتە، ئاھالىلەر مۇلازىمىتى، كۈتۈنۈش-ھاۋالىلىك بېقىش، ساغلاملىق مۇلازىمىتى، مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە مۇلازىمىتى قاتارلىق تۆت نۇقتىلىق ساھەنى چۆرىدەپ، ئاساسىي ئېھتىياج تۈرىدىكى مۇلازىمەتتە تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش، ئەلا سۈپەتلىك بولۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى گاۋ جېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت-ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش كېڭەيتىلىپ، رەقەملىك كارتون، رەقەملىك ئويۇن قويۇش، رەقەملىك ئىجادىيەت، چۆكمە ھېس قىلىش قاتارلىق يېڭىچە مەدەنىيەت كەسىپلىرى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، جۇڭگو مودا بۇيۇملىرى بازىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلىش، ئۆزگىچە مۇزىكا بايرىمى قاتارلىق ئىستېمال مەنزىرىسىنى ئىجادىي بەرپا قىلىشقا مەدەت بېرىلىدۇ، نامۇۋاپىق ھالدا تۆۋەن باھادا ساياھەت قىلىشقا قىزىقتۇرۇش، مال سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلاش، توردا قانۇنسىز خېرىدار جەلپ قىلىش، كېچىك ئاپتوموبىلىغا باغلىۋېلىپ بېلەت سېتىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى داۋاملىق قانات يايدۇرۇلىدۇ.
سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى كې جىشىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇلازىمەتچىلىكىدە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتى تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، «سۈنئىي ئەقىل + يۇمشاق دېتال» مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ، سانائەت ئالاقە تورىنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشى چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، ھېسابلاش كۈچى ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە گىرۋەك ھېسابلاش كۈچى قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئەقلىي ھېسابلاش بۇلۇت مۇلازىمەت سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۆلىتىمىز كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئىقتىدارى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

«مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئىقتىدارى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» يېقىندا ئېلان قىلىندى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى گوۋۇيۈەن سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىنى ئاچتى،