«1-ماي»دەم ئېلىش مەزگىلىدە رايون ھالقىپ يۆتكىلىدىغانلار مىقدارىدا تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدۇ
قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل «1-ماي»دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن جەمئىيەتتە رايون ھالقىپ يۆتكىلىغانلار مىقدارىدا تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ئاپتوموبىللار داۋاملىق بېسىق ھالەتتە قاتنايدۇ.
بۇ يىل «1-ماي» بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن جەمئىيەتتە رايون ھالقىپ يۆتكىلىدىغانلار 1 مىليارد 520 مىليون ئادەم قېتىمغا، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 304 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4 ئېشىشى مۇمكىن. قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى تىرانسپورت مۇلازىمىتى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ بو: دەم ئېلىشنىڭ تۇنجى كۈنى، يەنى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى پۈتۈن جەمئىيەتتە رايون ھالقىپ يۆتكىلىدىغانلار 344 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.3 ئېشىشى مۇمكىن، دېدى.
مۆلچەرلىنىشىچە، دەم ئېلىش مەزگىلىدە تاشيولدا سەپەرگە چىقىدىغانلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %91.6 كە يېتىدىكەن، مەملىكەت بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئاپتوموبىل مىقدارى تەخمىنەن 64 مىليونغا يېتىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە كۈنىگە ئوتۇرىچە قاتنىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تەخمىنەن 15 مىليون 400 مىڭغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33 ئاشىدىكەن. تۆمۈر يول، خەلق ئاۋىياتسىيىسى يۇقىرى قاتناش ھالىتىنى ساقلاپ،107 مىليون ئادەم قېتىم ۋە 11 مىليون 750 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىشى مۇمكىن.
قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى چوڭ بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە يەتتە كىشىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كىچىك ئاپتوموبىللاردىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يۈرۈش ھەققى ئالماسلىق سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردىكى بېسىق، ئاسان توسۇلۇپ قالىدىغان يول بۆلەكلىرىگە جانلىق ھۆكۈم قىلىپ، يول تورىنىڭ راۋانلىقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









