مەملىكەتلىك 1-ماي ئەمگەك مۇكاپاتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلدى
مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى مەملىكەتلىك «1-ماي»ئەمگەك مۇكاپاتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىل مەملىكەتلىك «1-ماي»ئەمگەك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنى تەقدىرلىدى.
بۇ يىل مەملىكەتلىك 1-ماي ئەمگەك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جەمىئىي 3024 كىشى تەقدىرلەندى، بۇنىڭ ئىچىدە، مەملىكەتلىك 1-ماي ئەمگەك تەقدىرنامىسىغا ئېرىشكەنلەر 379، مەملىكەتلىك 1-ماي ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشكەنلەر 1462، مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئاۋانگارتى نامىغا ئېرىشكەنلەر 1183.
مەملىكەتلىك «1-ماي»ئەمگەك مۇكاپاتى بويىچە تەقدىرلەشتە ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، مېدال بىلەن تەقدىرلەنگەن ئوبيېكتلار ئىچىدە سانائەت ئىشچىلىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە كەسپىي تېخنىكلار ئۈچتىن ئىككى قىسىمنى ئىگىلىدى؛ بۇيرۇتما يەتكۈزگۈچىلەر قاتارلىق يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەر بەلگىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. تەقدىرلەشتە نۇقتىلىق ساھەلەر گەۋدىلەندۈرۈلدى، قۇرۇلمىسىنىڭ جايلىشىشى سەرخىللاشتۇرۇلدى، تەقدىرلەش ئوبيېكتلىرى خەلق ئىگىلىكىدىكى 19 كەسىپ تۈرىنى قاپلىدى.
2025-يىلى «14-بەش يىل»لىق پىلان تاماملانغان يىل، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇردى، بۇنىڭ بىلەن ئوخشاش بولمىغان كەسىپلەردە بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ۋەكىللەر مەيدانغا كەلدى. مەملىكەتلىك «1-ماي»ئەمگەك مېدالى ساھىبى چى چۇڭجۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئالىي شان-شەرەپ ماڭىلا مەنسۇپ بولماستىن، بەلكى چوڭ-كىچىك كوچىلاردا بوران-چاپقۇنقا قارىماي موكىدەك قاتناۋاتقان يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى مىليونلىغان ئەمگەكچىلەرگە مەنسۇپ. مەن ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شەھەرنىڭ يۈرۈشۈشى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.
كاننىڭ ئەقلىي تىپقا ئۆزگەرتىش ھالقىلىق ساھەسىدە، يەنە بىر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ما جىگاڭ نەزىرىنى كەلگۈسىگە قاراتتى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەۋقەنى «15-بەش يىل»نىڭ يېڭى باشلانمىسىغا قارىتىپ، مۇھىم نۇقتىنى كاننى ئەقلىي يۈرۈشتۈرۈش، قوغداش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش چوڭ يۆنىلىشىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ئەقلىيلەشتۈرۈپ كونترول قىلىش قاتارلىق تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەردە نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، كارخانىنى ئەقلىي تىپقا ئۆزگەرتىش ۋە يېشىل كان قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشىمەن.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









