«ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 2026-يىللىق تولۇق كۇرس كەسىپلىرى مۇندەرىجىسى»ئېلان قىلىندى
مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 2026-يىللىق تولۇق كۇرس كەسىپلىرى مۇندەرىجىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇنىڭدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرسىغا يېڭىدىن 38 خىل كەسپ كۆپەيتىلىپ، ئالىي مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش كۈچى ۋە تۆھپە قوشۇش كۈچى داۋاملىق ئۆستۈرۈلدى.
2026-يىلى، تولۇق كۇرس كەسىپلىرى مۇندەرىجىسى «گىرەلەشمە پەن» تۈرلىرى ئىچىدە تۇنجى تۈركۈمدە كېلەچەك ماشىنا ئادىمى، گىرەلەشمە قۇرۇلۇش قاتارلىق مۇندەرىجە ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن 11 خىل كەسىپ ۋە تەنلىك ئەقلىي ئىقتىدار، مېڭە-ئۈسكىنە ئىلمى ۋە تېخنىكىسى قاتارلىق تۆت خىل كەسىپ بۇ قېتىم مۇندەرىجىگە كىرگۈزۈلگەن يېڭى كەسىپلەر.
نۆۋەتتە، تولۇق كۇرس كەسىپلىرى مۇندەرىجىسى 13 تۈر، 92 كەسىپ تۈرى، 883 كەسىپنى قاپلىغان بولۇپ، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرسىغا يېڭىدىن 38 خىل كەسپ كۆپەيتىلدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ شىشىڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز يېڭى تەبئىي پەن، يېڭى تېببىي پەن، يېڭى يېزا ئىگىلىك پەنلىرى، يېڭى ئىجتىمائىي پەن قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، كەسپنىڭ ئىچكى مەزمۇنى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەنئەنىۋى مائارىپ چېگراسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، پەن، ساھە، كەسىپ ھالقىپ يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈردۇق.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









