مەملىكەت بويىچە يېزىلاردا تۇرۇبا سۈيىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %96كە يەتتى
سۇچىلىق مىنىستىرلىقى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى: بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە يېزىلاردا تۇرۇبا سۈيىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %96 كە يېتىپ، دۆلىتىمىز يېزىلىرىنىڭ سۇ تەمىنات كاپالەت سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، دېدى.
سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى زۇ لېيمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە يېزىلاردا تۇرۇبا سۈيىنى كۆلەملەشتۈرۈپ تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنىڭ يېزا نوپۇسىنى قاپلاش نىسبىتى %71 كە، ناھىيە رايوندا بىر تۇتاش باشقۇرۇش نىسبىتى %72 كە يەتتى.
زۇ لېيمىڭ مۇنداق دېدى: يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى. 2025 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە 3 مىليون 816 مىڭ ئورۇندا يېزا سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، يېزىلاردىكى 850 مىليون نوپۇسنى قاپلىغان تورلاشقان سۇ تەمىنات كاپالەت ئىقتىدارى شەكىللەندى، بۇنىڭ ئىچىدە 438 مىڭ ئورۇندىكى يېزا مەركەزلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى 830 مىليون كىشىگە مۇلازىمەت قىلدى، چەت، يىراق تاغلىق رايونلار ۋە سۇ ئىشلىتىش قىيىن رايونلار تەدرىجىي تۇرۇبا سۈيى ئىشلىتىشكە باشلىدى.
ھازىر، مەملىكەت بويىچە ئەتىيازلىق سۇغىرىش كەڭ كۆلەمدە باشلاندى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى ۋادا سۇ قۇرۇلۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇغىرىش رايونىدىكى سۇ بايلىقىنى تەقسىملەشنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ ئىلمىي سۇغىرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









