جايلاردا «شەھەرلەر دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى» قىزىپ كەتتى
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، جايلاردا «شەھەرلەر دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى» قىزىپ كەتتى، ئاممىۋى تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ئەۋج ئالدى، «بېلەت ئىقتىسادى» ئىستېمالنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.
سىچۈەن ئۆلكىسى شەھەرلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدا 10 قېتىملىق كەسكىن مۇسابىقە ئاياغلاشتى. مۇسابىقە مەيدانىنىڭ سىرتىدا، جايلار توپ مۇسابىقىسى بېلىتى ئارقىلىق مال سېتىۋېلىش، يېمەك-ئىچمەك، مەدەنىيەت-ساياھەت قاتارلىق پۈتۈن كەسىپ ھالىتىنى تۇتاشتۇردى.
ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى، 2026-يىللىق جياڭسۇ ئۆلكىسى شەھەرلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدا نەنتۇڭ كوماندىسى بىلەن نەنجىڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. نەنتوڭ شەھىرى «بېلەت ئىقتىسادى»نىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئون نەچچە مەنزىرە رايونىنى ھەقسىز ئېچىۋېتىپ، ئالاھىدە تۈرلەردە يېرىم باھادا ئېتىبار بەردى.
مۇسابىقە مەيدانىنىڭ سىرتىدىكى ئالاھىدە بازار ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









