ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى كەسپىي مائارىپ قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-06-03 10:16

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى كەسپىي مائارىپ قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى. بۇ قېتىمقى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشتە يەرلىككە بېرىپ تەكشۈرۈش بىلەن ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ھاۋالە قىلىپ تەكشۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئومۇمىي سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلىدۇ.
6-ئايدىن 9-ئايغىچە، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تيەنجىن، لياۋنىڭ، جياڭسۇ، جېجياڭ، جياڭشى، خۇنەن، نىڭشيا قاتارلىق يەتتە ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەر)گە بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرىدۇ ھەمدە فۇجيەن، خېنەن، سىچۈەن، شەنشى، شىنجاڭ قاتارلىق بەش ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)لۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئۆز مەمۇرىي رايونى ئىچىدىكى كەسپىي مائارىپ قانۇنىنى ئىزچىل يولغا قويۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى ھاۋالە قىلىدۇ.
قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا تۆۋەندىكى يەتتە تۈرلۈك ئەھۋال نوقتىلىق تەكشۈرۈلىدۇ: قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ۋە ئالاقىدار يانداش تۈزۈم قۇرۇلۇشى ئەھۋالى؛ زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئەھۋالى؛ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەھۋالى؛ كەسپىي مائارىپ بىلەن ئادەتتىكى مائارىپنى يۈغۇرۇپ، ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالى؛ كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ھالقىلىق مەكتەپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئەھۋالى؛ كەسپىي مائارىپنى قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش ئەھۋالى؛ قانۇننى يولغا قويۇش جەريانىدا ساقلانغان مەسىلىلەر، قىيىنچىلىق ۋە پىكىر ـ تەكلىپلەر.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى كەسپىي مائارىپ قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى كەسپىي مائارىپ قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى.