ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مۇھاپىزىتى»ھەرىكىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەر، ئازادە، ئىللىق مۇھىتتا ئىمتىھانغا قاتنىشىشىغا كۈچ چىقاردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-06-07 10:09

2026-يىللىق مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى باشلاندى، بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار 12 مىليون 900 مىڭغا يەتتى. تىل ئەدەبىيات ۋە ماتېماتىكا پەنلىرى ئىمتىھانى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېلىندى. جايلار «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مۇھاپىزىتى»ھەرىكىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئىمتىھانىغا تەشكىللەش ۋە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «تىنچ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»نى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشقا ئاشۇردى.
كۆپلىگەن جايلاردىكى ئىمتىھان نۇقتىلىرى«سەمىمىي ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»غا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «ئەقلىي بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىشىكى + سۈنئىي بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش»قوش ئەندىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئەقلىي كۆزەينەك قاتارلىق يېڭىچە كۆچۈرمىچىلىك قىلىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىشىنىڭ ئالدى ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەقلىي چارلاش-تەكشۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمتىھان بىخەتەرلىك مۇداپىئە تورىنى پۇختىلىدى. جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھەرلىك 9-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەكتەپ ئىشلىرى ھەيىتى گو چېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئىمتىھان نۇقتىمىزغىمۇ نۇرغۇن يېڭى ئۈسكۈنە، يېڭى تېخنىكىلار كىرگۈزۈلدى. ئىمتىھان مەيدانىمىزدا سىگنال توسۇش ئەسۋابى، AI ئەقلىي ئىمتىھان نازارەتچى قوللىنىلدى، ئىمتىھان بېرىدىغان ھەر بىر ئوقۇغۇچى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىشىكىدىن ئۆتۈشى كېرەك، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ساختىلىق قىلىش ئېھتىماللىقى تۈپتىن تۈگىتىلدى.
مائارىپ مىنىستىرلىقى بىخەتەرلىك مۇھاپىزىتى تورىنى زىچ توقۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جايلاردىن ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشنى گەۋدىلىك مۇھىم ئورۇنغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى. جايلار ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش، ياتاقتا يېتىش، غىزالىنىش ۋە تازىلىق، شاۋقۇننى تىزگىنلەش، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر، ئازادە، ئىللىق ئىمتىھان مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلدى. خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھەرلىك گوڭئەن ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ساقچىسى جاڭ خۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنى ئالدىن ماڭدۇرۇش، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ قاتناش قائىدىسىگە يېنىك دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قارىتا، تەربىيە بېرىش، ئاگاھلاندۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، ۋاقتىدا ماڭدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمىز، قاتناش مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقتىغا دەخلى يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، سىچۈەن، چۇڭچىڭ، گۇاڭدۇڭ، جياڭشى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا يامغۇر قاتتىق ياغدى، جايلار ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ يول لىنىيەسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن پىلانلاپ، ئىمتىھانغا كېچىكىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى ھەققىدە ئەسكەرتىش ئۇچۇرى ئېلان قىلدى ھەمدە قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىدى. جياڭشى ئۆلكىسى يىڭتەن شەھەرلىك گوڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى شىنجياڭ چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چى جېنيۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز ئىمتىھان نۇقتىسى ئەتراپىغا بېرىپ، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئەھۋال، قاتناش تۈرىدىكى ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا تېز بىر تەرەپ قىلىشقا مەخسۇس ئادەم ئەۋەتتۇق، قاتناش قىستاڭچىلىقى كۆرۈلگەن ھامان، تېز سۈرئەتتە راۋانلاشتۇرۇپ، يولنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مۇھاپىزىتى»ھەرىكىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەر، ئازادە، ئىللىق مۇھىتتا ئىمتىھانغا قاتنىشىشىغا كۈچ چىقاردى

2026-يىللىق مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى باشلاندى،