باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
«دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك قىزچاق» مەكتەپكە كىردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2012-09-25 15:28:07

2009-يىلىدىكى بوي ئېگىزلىكى ئاران 56 سانتىمېتىر كېلىدىغان، «دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك قىز» دەپ ئاتالغان چارلوت بۇ يىل بەش ياشقا كىردى ۋە بويى ئۆسۈپ 68 سانتىمېتىرغا يېتىپلا قالماي، يەنە ئوخشاش ياشتىكى باشقا بالىلارغا ئوخشاش مەكتەپ قوينىغا كىردى.

ئەنگلىيە شەرقىي يوركشىرېدا تۇرۇشلۇق چارلوت (Charlotte Garside) ئىسىملىك بۇ قىز تۇغما پەتەكلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، تۇرقى خۇددى قونچاققىلا ئوخشايدۇ. ھالبۇكى، ئاران بىر ياشقىچە ياشىيالايدۇ، دەپ پەرەز قىلىنغان چارلوت ھازىر باشقا بالىلارغا ئوخشاش خۇشال-خۇرام ھالدا سىنىپتا ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلاۋاتىدۇ.

بەش ياشلىق چارلوتنىڭ تەن ئېغىرلىقى تۆت كىلوگىرامغا يەتكەن بولۇپ، مىجەزى ئوچۇق-يورۇق، شوخ بولۇپ، ھەرقانداق نەرسىگە قىزىقىدىكەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق