باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
ھەج قىلىشقا بارغان 398 نېگىرىيەلىك ئايال تۇتۇپ قېلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2012-09-25 16:45:15

ئامېرىكا ئاگىنتلىقىنىڭ 24-سىنتەبر خەۋەر قىلىشىچە سەئۇدى ئەرەبىستان يېقىندا نىگىرىيىدىن مەككە مەدىنىگە ھەج قىلىشقا كەلگەن 400 گە يېقىن مۇسۇلمان ئاياللارنى تۇتۇپ قالغان بولۇپ، سەۋەبى ئۇلارغا بىرەر ئەر تۇققانلىرى ھەمراھ بولۇپ كەلمىگەنىكەن، نىگىرىيە بۇ ئىشنى دىپلوماتىيە يولى بىلەن بىر تەرەپ قىلغاندىلا، سەئۇدى ئەرەبىستان ئۇلارنى قويۇپ بەرگەن.

نىگىرىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىسپاتلىشىچە، بۇ دۆلەتتىن جەمئىي 398 نەپەر مۇسۇلمان ئايال سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىنغان، سەۋەبى ئۇلارغا ئەر تۇققانلىرى ھەمراھ بولمىغان. نىگىرىيەنىڭ ھەج قىلىش ھەيئىتى باياناتچىسى مۇنداق دىدى: بۇ ئاياللار شۇ يەر ۋاقتى 20-سىنتەبر جىددە خەلقئارا ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىنغان بولۇپ، 24-سىنتەبر نىگىرىيە ھەربىر ئايال ئۈچۈن 4000 دوللار «كېپىللىك پۇلى» تاپشۇرغاندىن كېيىنلا، سەئۇدى ئەرەبىستان ئۇلارنى ئەر تۇققانلىرى ھەمراھ بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، ھەج سەپىرىنى تۈگىتىۋىلىشىغا يول قويغان.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق