باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
بايرام مەزگىلىدە ئۆزىنى ئىجارىگە بەرمەكچى بولغان قىز
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2012-09-26 09:45:30

تۈنۈگۈن چۈشتە ۋۇخەن شەھىرى جىياڭخەن يولى پىيادىلەر كوچىسىدا «ئۆزۈمنى ئىجارىگە بىرىمەن!» دېگەن خەت يېزىلغان ئېلان تاختىسىنى كۆتۈرۈۋالغان قىز كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. قىزنىڭ بىردىنبىر تەلىپى ئىجارىگە ئالغۇچى پەقەت جۇڭگولۇق بولسىلا بولىدىكەن. نۇرغۇن كىشىلەر قىزنىڭ بۇنداق قىلىشى «ئويۇن قويغانلىق، ساختىپەزلىك» دەپ قارىدى.

تۈنۈگۈن سائەت 12 ئەتراپىدا،مۇخبىر ۋۇخەن شەھىرى جىياڭخەن يولى پىيادىلەر كوچىسىدىكى جىيالىي مەيدانىدا ئېلان تاختىسى كۆتۈرۈۋالغان قىزنى ئۇچراتقان. قىز قارىماققا 20 ياشلار ئەتراپىدا بولۇپ بويى ئېگىز، چىرايىلىق ئىكەن. گەرچە ۋۇخەن شەھىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى خىلىلا تۆۋەن بولسىمۇ، قىز سوغۇققا قارىماي ھەم قىسقا ھەم دۈمبىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان كۆڭلەك كىيىۋالغان. قىز كۆتۈرۈۋالغان ئېلان تاختىسىغا « دۆلەت بايرىمى ۋە تاۋۇز چاغىنى مەزگىلىدە ئۆزۈمنى ئىجارىگە بىرىمەن. ئىجارىگە ئالغۇچى پەقەت جۇڭگولۇق بولسىلا بولىدۇ. مېنى ئىجارىگە ئالغۇچى بايرام مەزگىلىدە مېنى قىز دوستى قىلىپ ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشكىلى ئاپارسا بولىدۇ!» دەپ يېزىلغان.

مۇخبىرنىڭ باشقىلاردىن ئىگىلىشىچە، ئۆزىنى ئىجارىگە بەرمەكچى بولغان قىزنىڭ فامىلىسى خۇ، بۇ يىل 23 ياشقا كىرگەن، جىياڭخەن يولىغا يېقىن جايدا ئۆي ئىجارىگە ئىلىپ تۇرغان. ئۇ كىيىم-كېچەك دۇكىنى ئاچىدىغان بولۇپ يىگىتى يوق ئىكەن. قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزنى تېزرەك توي قىلىپ بالىلىق بولۇشقا قىستىغاچقا قىز ئامالسىزلىقتىن مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ۋاقىتلىق ئوغۇل دوست تېپىپ ئاتا-ئانىسىنى خاتىرجەم قىلماقچى بولغان.

خۇ فامىلىلىك قىزنىڭ ئۆزىنى ئىجارىگە بېرىش ئېلان تاختىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرگىنىنى كۆرگەن كىشىلەر جىيالىي مەيدانىغا توپلىشىۋېلىپ پىيادىلەر كوچىسىنىڭ سودىسىغا تەسىر كۆرسەتكەن. شۇڭا جىيالىي مەيدانى ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى بىلەن يېقىن ئەتراپتىكى شۈيتا ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى قىزنىڭ قولدىكى ئېلان تاختىسىنى مۇسادىرە قىلىپ قىزنى ئۆيىگە قايتۇرۇۋەتكەن.

قىزنىڭ بۇ غەلىتە ھەرىكىتىنى كۆرگەن نۇرغۇن كىشىلەر قىز توغرىسىدا بەس مۇنازىرە قىلغان. نۇرغۇن كىشىلەر قىزنى بەكلا ئاشۇرۇۋەتكەن دەپ ئەيىبلىسە، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بۇنداق قىزنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىشتىن قورقىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق