باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
دەرىجىدىن تاشقىرى تالانت ئىگىلىرى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-01-06 17:21:40

1.بىرلا ۋاقىتتا پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتى، ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى، ماسساچۇسسىس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتۇتى، چىكاكو ئۇنىۋېرسىتېتى، ۋىرگىنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار چاقىرىقىنى تاپشۇرىۋالغان ھەم پۈتۈنلەي ھەقسىز ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بالا.«ئامېرىكا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»غا قاتنىشىپ، پۈتۈن ئامېرىكىدىكى تولۇق نومۇر ئالغان 85ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى، ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدىكى بىردىنبىر تولۇق نومۇرغا ئېرىشكەن، 17ياشلىق دېنفېس مۇنازىرلىشىش ئۇستىسى بولۇپلا قالماي يەنە كىچىك ئىسكروپكا ھەم سۇ ئۈزۈش ماھىرى.

2. 1994-يىلى ماسساچۇسېسىس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ماكۋېن، بىر قېتىملىق تاساددىپىي پۇرسەتتە ئىككى ساۋاقدىشى تەرىپىدىن قارت ئويناش گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىدۇ، بۇ گۇرۇپپىدا پىششىق مەشىق قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكىدىكى داڭلىق قىمارخانىلارغا بارىدۇ، بەزى كۈنلىرى 90تۈمەن ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق ئۇتىۋالغان ۋاقىتلىرىمۇ بولغان.

3.يېڭى زېلاندىيەدىكى 18ياشلىق قىز،ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى كومپىيۇتېر سېستىمىسىغا بۆسۈپ كىرگەنلىك قاتارلىق جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن، سوتچى بۇ قىزنىڭ نەپ ئۈچۈن قىلمىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن جىنايىتى يوق دەپ ھۆكۈم قىلغان ھەم كومپىيۇتېر بىلىملىرىنى توغرا يوللارغا ئىشلىتىشنى دەۋەت قىلغان.

4.بۇ يىل 34ياشقا كىرگەن ئەنگىلىيەلىك تەنھالىقنى خالاش كېسىلىگە گىرىپتار رەسسام كىشىلەر تەرىپىدىن تىرىك فوتو-ئاپپارات دەپ نام ئالغان، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقىتلىق ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، ھەرقانداق بىر مەنزىرىنى بىرنەچچە مىنۇت كۆرۈپلا مېڭىسىدىكى خاتىرىسى ئارقىلىق ئوپمۇ-ئوخشاش سىزالايدۇ.

5.ئەنگىلىيەلىك 10ياشلىق بالا شارما تىلغا نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈر، كىچىكلا تۇرۇپ 11تىلنى پىششىق بىلىدۇ.

6. 8يېشىدىلا 12تۈمەن خەتلىك ھېكايىسى نەشىر قىلىنغان قىز، كىشىلەر تەرىپىدىن«دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق بالا»دەپ نام ئالغان، بۇ ئامېرىكىلىق كىچىك قىز 4يېشىدىن باشلاپلا 400دىن ئارتۇق ھېكايە ھەم شېئىر يازغان، ئۆتكەن يىلى«كۆتۈرىلىۋاتقان بارماق»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 300نەچچە پارچە ھېكايىسى نەشىر قىلىنغان.

7.ئامېرىكا ۋىسكونسىن ئىشتاتى لاكلوس شەھىرىدىكى 51ياشلىق ئەر بۇرادنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، باشقىلار تەرىپىدىن«تىرىك گۇگۇل»دەپ ئاتالغان.

8.دۇنيا جىنىس رېكورتى ئورگىنى مىسىرلىق 9ياشلىق بالا مۇھەممەدنى دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق بالا دېدى، ئۇنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى ئۆزى بىلەن تەڭ ياشتىكىلەر ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ھەم ماتېماتىكا قابىلىيىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

9.ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان«ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەقلىي قابىلىيىتىنى سىناش مۇسابىقىسى» ئەنگىلىيە تاماشىبىنلىرىنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان پروگراممىسى، مۇسابىقىنىڭ ئېلىنىدىغان تۈرى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەنگىلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى 26ياشلىق بۇرنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىپادىسى رىياسەتچى ھەم تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇرغان، كىشىلەر بۇ قىزنىڭ ئۆزىلا بىر تىرىك لوغەتكەن دېيىشكەن، قىزنىڭ بىلمەيدىغان نەرسىسى يوقكەن، كۆپ كىشىلەر بىلىپ كەتمەيدىغان ھەرخىل سوئاللار بۇ قىز ئۈچۈن ھېچنېمە ئەمەسكەن، قانداق سوئال بولسا پىلىموتتەك جاۋاب بېرىدىكەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق