باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
يانفون ئەڭ يېڭى تېررورلۇق قورالى بولۇپ قالدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2013-01-07 16:07:49

«ھىندىستان ۋاقىت گىزىتى» نىڭ 6-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان ئىچكى كابىنت مىنىستىرى راھمان مالىك (Rehman Malik) يېقىندا مۇنداق دەپ ئۇقتۇرغان: يانفون ھازىرقى دۇنيادىكى تېررورلۇق قىلىشتىكى ئەڭ يېڭى قورال بولۇپ قالدى، پاكىستاندىكى كۆپ قىسىم پارتلىتىش ۋەقەلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاساسەن تېررورچىلار يانفوندىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بارغان.

مىنىستىر راھمان مالىك يەنە مۇنداق دېدى: ئىسلام دىنى مۇھەررەم ئېيى (Muharram) مەزگىلىدە كۆپ قىسىم شەھەرلەردىكى يانفون مۇلازىمىتى ۋاقىتلىق توختىتىلىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق تىرورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى:« يانفون ھازىرقى دۇنيادىكى تىېررورلۇق قىلىشتىكى ئەڭ يېڭى قورال بولۇپ قالدى، نۇرغۇنلىغان ئۆزلىرى ياسىۋالغان بومبىلارنى تېررورچىلار ئاساسەن يانفون ئارقىلىق كونترول قىلىدۇ.» شۇنىڭ ئۈچۈن قانۇن تۇرغۇزۇپ قانۇنسىز SIM كارتىسى سېتىشنى چەكلەش ۋە كونتىرول قىلىش كىرەك.

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2012-يىلى پاكىستاندا جەمئىي 1000 دىن ئارتۇق ئادەم بومبا ھوجۇمىدا قازا قىلغان، ئۇندىن باشقا 2700 كىشى يارىلانغان.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق