باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
ۋېيتنامدا 90 ياشلىق موماي 38 ياشلىق ئەرنى ياخشى كۆرۈپ قالدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2013-01-10 16:15:07

مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 9-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋېيتنامنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بىر 90 ياشلىق ياشانغان موماي، 38 ياشلىق بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئەرنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولۇپ، ئىككىيلەننىڭ يېشى 52 ياش پەرقلەنگەچكە، ئۇلارنىڭ مۇھەببەتلىشىش جەريانى نۇرغۇن-ئەگرى توقاي قېيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان.

بۇ 90 ياشلىق ئايال ئىلگىرى تۆت قېتىم ئەرگە تەگكەن بولۇپ، گەرچە ھازىرقى ئوغۇل دوستى بىلەن 52 ياش پەرقلەنسىمۇ، ئەمما ياش ئۇنىڭ مۇھەببەتلىشىش قىزغىنلىقىنى توسۇپ قالالمىغان. ئىگىلىنىشىچە، ئىككىيلەن 12 يىل بۇرۇن بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ قالغان بولۇپ، دائىم ئاكتىپلىق بىلەن كۆڭلىنى ئىزھار قىلىشقان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى ناھايىتى بۇرۇنلا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

ئەمما، بۇ ئىككىيلەننىڭ ئىشى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەن، بۇ ياشانغان ئايالنىڭ بالىلىرى ئانىسىغا بۇنداق قىلماسلىقنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ نەسىھىتى ھېچقانداق ئۈنۈم بەرمىگەنلىكتىن، ئاخىرى ئانىسىدىن «داۋاملىق مۇھەببەتلىشىشنى، ئەمما توي قىلماسلىق» نى تەلەپ قىلغان. ئەر تەرەپنىڭ بالىلىرى بىلەن ئاتا-ئانىسىمۇ ئۇلارنىڭ چېتىلىشىپ قېلىشىغا قارشى تۇرغان.

يېقىندا، بۇ ئايال كېسەل بولۇپ قېلىپ، بالىلار قارىشى كېرەك بولغاچقا، ئۆيدىكىلەر بۇنى باھانە قىلىپ، بۇ ئايالنىڭ ھەرىكىتىگە چەك قويغان ۋە ئۇلارنى كۆرۈشكىلى قويمىغان، ئەمما ئەر ۋە ئايال تەرەپ قارشى تەرەپنى يەنىلا ياخشى كۆرۈۋېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق