باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
بوۋاق بالىنى سېلىپ قويىدىغان قاچا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-03-13 11:56:14

 

ئىستونىيەدىكى بىر لايىھەلىگۈچى يېقىندا بەش ئايلىقتىن ئاشقان بوۋاقلار ئۈچۈن بىر خىل كارىۋات كەشىپ قىلغان. ئۇ ياسىغان بۇ كارىۋات بوۋاقلار كارىۋاتىنىڭ ماتېرىيالىغا ھازىر بالىلار داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىگە ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىۋاتقان سۈزۈكلۈك دەرىجىسى يۇقىرى بولغان بىر خىل پىروپىن كىسلاتالىق ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن. ئۇنىڭ ئىشلىتىشچانلىقى يۇقىرى بولۇپ، بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئويۇنچۇقلارنى يىغىپ سېلىپ قويسىمۇ ياكى تەۋرەنمە ئورۇندۇق قىلىپ ئوينىسىمۇ بولىدىكەن. كارىۋاتقا 15 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى نەرسە سالغاندا، كارىۋات خالىغان يۆنىلىشتە ئەڭ چوڭ بولغاندا 17 گىرادۇس تەۋرەيدىكەن. بىراق قانداق تەۋرىشىدىن قەتئىينەزەر، يەنە ۋېرتىكال يۆنىلىشكە تۈزلىنەلەيدىكەن. ئۇ سۈزۈك ماتېرىيالدىن ياسالغاچقا، ئاتا-ئانىلار ھەرقايسى نۇقتىلاردىن بوۋىقىنىڭ ھەرىكىتىنى كۆرۈپ تۇرالايدىكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق