باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
ئەنگلىيەلىك ئايال قونچاق «بېقىش» ئارقىلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىش ئازبلىرىنى يېنىكلەتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-21 19:49:05

 

1997-يىلىدىكى بىر مەيدان ماشىنا ۋەقەسىدە ئەنگلىيەDerbyshire دىكى ئايال Beulah Suket بەش نەپەر ئۇرۇق-تۇغقىنىدىن ئايرىلىپ قالدى، نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان ئۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنىڭ ئازابىنى يىنىكلىتىش ئۈچۈن، ئوخشاش بولمىغان بىر داۋالاش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقتى، ئۇ بولسىمۇ ئۈچ دانە ئويۇنچۇق قونچاقنى «بېقىش»، ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئادەم قاتارىدا كۆرۈپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش.

Beulah Suket بۇ يىل 49 ياشقا كىردى، 12 ياشقا كىرگەن ئاشۇ يىلى ئائىلە بويىچە ساياھەتكە چىققان ۋاقىتتا بىر مەيدان قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان، ئاتىسى، ئۈچ ئاچا-سېڭلىسى ۋە ئىنىسى شۇ قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغان، پەقەت Beulah Suket بىلەن ئانىسىلا ھايات قالغان. 30 يىلدىن بۇيان ئۇ داۋاملىق ئاتىسى، ئاچا-سېڭلىسى ۋە ئىنىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن ئازابلىنىپ يۈردى. كېيىن ئۇمۇ ئۈچ بالىلىق بولساى، لېكىن ئۇ ئاشۇ قېتىملىق قاتناش ۋەقەسى ئېلىپ كەلگەن ئازابنى ئۇنتالمىدى. كېيىنچە بالىلىرى چوڭ بولۇپ ئۆيدىن ئايرىلىپ ئايرىم تۇرمۇش كەچۈردى، Beulah Suket بولسا يولدىشىدىن ئاجرىشىپ كەتتى، ئانىسى 53 ياشقا كىرىپلا قازا قىلىپ كەتتى، يەنە نۇرغۇن ئىشلار ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىپ، Beulah Suket نى تېخىمۇ بەك ئازبلىدى.

كېيىنچە،Beulah Suket نىڭ يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنىڭغا قىزىقىشى بويىچە ئىش قىلىپ بېقىشىنى ئېيتتى. ئۇ ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئويۇنچۇق ئويناشقا قىزىقىدىغانلىقنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئىلاجىسىز قالغان ھازىرقى يولدىشى Barry Jones دەرھال ئۇنى سودا- سارايغا ئېلىپ بېرىپ ئويۇنچۇق قونچاق سېتىۋالدى، ھەمدە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى دېگەن. ھازىر Beulah Suket نىڭ ئۈچ ئويۇنچۇق قونچىقى بار، سىرتتىن قارىماققا ئۇلار راس ئادەملەردىن پەرقلەنمەيدۇ. Beulah Suket كۆرسىتىپ، 50 ياشقا كىرگەن كۈنى ئۇ يەنە بىر قونچاق سېتىۋالغان بولۇپ، باھاسى 1000 فوندستېرلىڭ. «بۇ قونچاقلارغا قاراش مېنىڭ ئازابلىرىمنى ۋاقتىنچە ئۇنتۇلدۇرىدۇ.»

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق