باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
بوي ئېگىزلىكى 2.56 مېتىر كېلىدىغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ئەر قازا قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-27 12:51:18

 

 

 

سىتادىنك ھايات ۋاقتىدا بىر دېھقان بولۇپ، باشقا كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان ھەم ھەۋەس قىلىدىغان ‹ئېگىز بوي› بولۇش بولسا ئۇنىڭغا نىسبەتەن قارا چۈش بولۇپ قالغان. ئۇ مۇنداق دېگەن:‹ ماڭا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بويۇمنىڭ ئېگىز بولۇپ كېتىشى ماڭا قىلىنغان قارغىش بولۇپ، ئىلاھنىڭ ماڭا بەرگەن جازاسى، بۇنىڭغا خۇش بولۇپ تەبرىكلەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايمەن. مەن ئۆزۈمنىڭ نېمە گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىمنى بىلمەيمەن، مېنىڭ بىر ئۆمۈر ئارزۇ قىلىدىغىنىم پەقەتلا باشقىلارغا ئوخشاش نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈشتىن ئىبارەت›.

سىتادىنك باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ھەددىدىن ئارتۇق كۆڭۈل بۆلۈپ دىققەت قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئىلگىرى جېننىس دۇنيا رېكورتى ئورگىنىنىڭ گۇۋاھنامە تارقىتىپ بېرىشىنى رەت قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا سىتادىنك يەنە توي قىلىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئايالىغا بېسىم كەلتۈرۈپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. ئۇ :‹مېنىڭ بوي ئېگىزلىكىم ئايالىمغا نىسبەتەن ئادالەتسىزلىك› دېگەن.

سىتادىنك ئۆزىنىڭ بوي ئېگىزلىكى تۈپەيلىدىن مال دوختۇرى بولۇشتىن ئىبارەت ئارزۇسىنىمۇ رېئاللىققا ئايلاندۇرالمىغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، گىگانت ئادەم كېسەللىكى ئۇنى قىيناپ، ئۇنىڭ سالامەتلىكىگە ھەر خىل مەسلىلەرنى ئېلىپ كەلگەن. ئەڭ ئاخىرىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ئادەم دەپ ئاتالغان سىتادىنك 8-ئاينىڭ 24-كۈنى قازا قىلغان. ئۇ ئىلگىرى:‹ مەن ئۆزۈمنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ئادەم ئىكەنلىكىمنى بىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە مەن يەنە ئۆزۈمنىڭ ئەڭ ھامىيسىز ئادەم ئىكەنلىكىمنىمۇ بىلىمەن› دېگەن.

ئىگەللىنىلىشىچە، سىتادىنكنىڭ مېڭىسىدىكى بىر ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە ئۇنىڭ تېنىدىكى ئۆسۈش ھورمۇنىنى ھەددىدىن ئارتۇق غىدىقلاپ كەتكەنلىك تۈپەيلىدىن مۇشۇنداق توختىماي ئۆسۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئۇ ھەر ئۈچ يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 30 سانتىمىتىردىن ئۆسكەن.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق