باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
1.2 توننا ئېغىرلىقتىكى «سەككىز خۇرۇچلۇق تاتلىق شويلا» جىنىس رىكورتى ياراتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-28 12:10:22

 

2014-يىللىق شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونۇم رايونىدىكى 8-قېتىملىق يىمەكلىك مەدەنىيىتى ساياھەت بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، دىئامېتىرى 2.3 مېتىر، ئېغىرلىقى 1.2 توننا كېلىدىغان خۇيزۇ تاتلىقلىرى دۇنيا جىنىس رىكورتىنى ياراتتى. خۇيزۇ تاتلىقلىرىمۇ سەككىز خۇرۇچلۇق تاتلىق شويلا تۈرىگە كىرىدۇ. 1.2 توننا ئېغىرلىقتىكى سەككىز خۇرۇچلۇق تاتلىق شويلا نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ ئۇنىڭدا بىر قېتىمدا 1000 دىن ئارتۇق ئادەم بىرلىكتە بىر ۋاق يېسىمۇ يەپ بولالماسلىقى مۇمكىن، بۇنى 60 ياشلىق بوۋاي مايەنلىن 1.2 توننا نومى گۈرۈچى، 200 كىلوگرام ئاق شىكەر، يەنە كىشمىش، چىلان قاتارلىق قوشۇمچە ماتېرىيالدىن 100 كىلوگرام ئىشلىتىلىپ جەمئىي 23 كۈندە ياسالغان. ياساپ بولغاندىن كېيىن فارفۇر تەخسىگە ئالغان. تەخسىگە قارايدىغان بولساق قۇرۇق مېۋىلەردىن بىرىكتۈرۈپ ياسىغان جۇڭگو خەرىتىسى، دىياۋيۈ ئارىلى، تەيۋەن قاتارلىقلارنىڭ بىرىمۇ كام ئەمەس ئىدى.

مايەنلىن ئادەتتە ناھايىتى ئەستايىدىل ھەم مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ئۇنىڭ دوكىنى دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپلا قالماي، دۆلەت سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىمۇ ئۆزىگە بەك جەلىپ قىلغانىدى.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق