باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
بىنادىن يىقىلىپ چۈشكەن ئەر «يېرىم باش» ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-28 13:21:20

 

 

 

2014-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى، سەنشى شىئەن شەھىرى، شىجىڭ دوختۇرخانىسى پات ئارىدا ‹يېرىم باش› بولۇپ قالغان خۇ ئۇستامغا 3D تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ باش سۆڭىكىنى تولۇقلاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيىسى ئېلىپ بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل 46 ياشقا كىرگەن خۇ ئۇستام ئۆز ئۆيىدە ئۆي سېلىۋاتقاندا، بىنانىڭ 3-قەۋىتىدىن بىر دۆۋە ياغاچنىڭ ئۈستىگە يىقىلىپ چۈشۈپ باش قىسمىنىڭ سول تەرەپ يېرىمى پارچىلىنىپ كەتكەن. خۇ ئۇستام ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى دوختۇرخانىدا ئوپېراتسىيە قىلدۇرغاندىن كېيىن گەرچە ھاياتى ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ‹غەلىتە ئادەم› گە ئايلىنىپ قالغان. خۇ ئۇستامنىڭ مېڭىسىنىڭ سول تەرىپى خۇددى باشقىلار بىر مۇش ئۇرۇپ ئىچىگە كىرگۈزۈۋەتكەندەكلا ئىچىگە ئولتۇرۇشۇپ كىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇدۇل تەرىپىدىن قارىغاندا خۇ ئۇستام خۇددى بېشىنىڭ يېرىمى يوقتەكلا كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالغان.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق