باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
تاشلىنىپ قالغان مەكتەپ ماشىنىلىرى ئاممىۋى ھاجەتخانىغا ئايلىنىپ قالدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-28 13:25:13

 

 

 

جېجىياڭ ۋىن لىڭ شەھىرى شىچىڭ كوچا باشقارمىسىدا جى شىڭجۇاڭ دەپ ئاتىلىدىغان باشقا كەنتلەردىن ھېچقانداق پەرقى يوق بىر كەنت بار، بىراق كەنتتە لىقلا قىلىپ توخىتىتپ قويۇلغان 52 دانە يېپيېڭى مەكتەپ ماشىنىسى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە توختىتىپ قويۇلغىنىغا بىر يىل بولاي دېدى.

ئەسلىي بۇنى ئەنخۇينىڭ تەيجۇدا تۇرۇشلۇق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى 20 مىليون مەبلەغ سېتىۋالغان بولۇپ، ۋىن لىڭ شەھىرىدە خەلق ئىشلەمچىلىرى پەرزەنتلىرى مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاپىرىپ-ئەكىلىش قىيىن بولۇش مەسلىسىنى ھەل قىلىش، پايدا قوغلاشماسلىق مەقستىدە بىر مەكتەپ ماشىنىسى شىركىتى قۇرۇشىنى پىلانلىغان. بۇ ئەسلىي بىر ياخشى ئىش، بىراق بازار ئېھتىياجى يېتەرلىك بولمىغاچقا، بىر قىزغىن پىلان «مۇز چېلەك» كە چىلانغان. بۇ بىر تۈركۈم يىپيېڭى مەكتەپ ماشىنىسى كەنتتە تاشلىنىپ قالغىلى بىر يىل بولاي دېدى، ھەتتاكى بەزى تەرىتى قىستاپ كەتكەنلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان «ئاممىۋى ھاجەتخانا» غا ئايلىنىپ قالغان.

كەنت كادىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇلتۇر ئۆكتەبىردە بىرقانچە خوجايىن سۈپەت كىشىلەر كەنت كومتېتىغا كېلىپ، بىر تۈركۈم يېڭى ماشىنلارنى كەنتتىكى بىكار يەرگە قويۇپ تۇرۇشىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ئايدا 5000 يۈەن ماشىنا توختىتىش ھەققى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ماشىنىلار ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن، ئۇلار كەنتىكە ئىككى ئايلىق ماشىنا توختىتىش ھەققىنى بېرىپ كېتىپ قالغان. ئۇنىڭدىن كېينىكى ھەقلەرنى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئېلىش مۇمكىن بولماي قالغان.

ئەنخۇي سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى خادىمىنىڭ دېيىشىچە، ئۆز ۋاقتىدا خەلق ئىشلەمچىلىرى پەرزەنتلىرى مەكتىپنىڭ مۇدىر ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ماشىنىسىنىڭ بالىلارنى ئاپىرىپ- ئەكېلىش ئىشىدا مەبلەغنىڭ جىق ھەم سودا پۇرسىتى بارلىقىنى، بولسا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن  ئۇلار مەكتەپ ماشىنىسى شىركىتى قۇرۇش ئويىغا كەلگەن. ماشىنىنى سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى ۋىن لىڭ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىغا بېرىپ بۇ ئويىنى ئېيتقاندا، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى بۇ ئىشنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ھەم قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى، بولسا بىر ئىشەنچىلىك لايىھە تۈزۈشىنى ئېيتقان. سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىمۇ بۇ بىر ياخشى ئىش بولغاندىن كېيىن ھۆكۈمەتمۇ چوقۇم قوللايدۇ دەپ ئويلىغان. بىراق ئۇلار 20 مىليون خەجلەپ ماشىنىنى سېتىۋېلىپ بولغاندا، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بۇ ئىلتىماسىنى تەسقىلاتقىلى بولمىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

شۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە ئايدا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىمۇ مائارىپ ئىدارىسىنى ئىزدىمىگەن، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇ  مەكتەپ ماشىنلىرىنى سېتىۋېلىشتا چىڭ تۇرغانلىقى ھەمدە كېينىكى قەدەمدە ماشىنلارنى قانداق ياردەم قىلىپ ماشىنلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا شۇ جايدىكى تارماقلار تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق