باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
ئۈرۈمچىدە بىر مەست مەھەللە كادىرىنى يارىلاندۇرۇپ جازالاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-28 12:57:39

 

 

 

 

27- ئاۋغۇست، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى مەھەللە كادىرى شياڭ خۇڭجىنىڭ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىپ، بەدىنىگە ئالتە پىچاق سانجىلىش دېلوسىغا سوت ئېچىپ، جاۋابكار سۈن فامىلىلىكنى قەستەن ئادەم زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك ئىككى يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

2014- يىلى 3- ئاينىڭ 7- كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى قىزىل بۇتخانا كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىسى چۈنشى كوچىسى مەھەللىسىنىڭ كادىرى شياڭ خۇڭجى 19 نەپەر خادىمنى باشلاپ، كۆچمە نوپۇسلارنى مەركەزلىك تىزىملاۋاتقاندا، سۈن فامىلىلىك بىر ئەر ھاراق ئىچىپ جېدەل چىقارغان، شياڭ خۇڭجى نەق مەيداندىكى ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئالدىغا چىقىپ ئۇنى توسقاندا، مەست ئەر ئۇنىڭ بېشى ۋە يۈز قىسمىغا كەينى- كەينىدىن ئالتە پىچاق تىقىۋەتكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى ساقچىخانا ساقچىلىرى شۇ كۈنى كەچتىلا سۈن فامىلىلىك جىنايەت گۇماندارىنى تۇتقان. 3- ئاينىڭ 8- كۈنى، سۈن فامىلىلىك قەستەن ئادەم زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان؛ شۇ يىلى 3- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سۈن فامىلىلىكنى قەستەن ئادەم زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان. 2014- يىلى 7- ئاينىڭ 22- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەزكۇر دېلو بويىچە ئەرز سۇنغان.

2014- يىلى 3- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش فوندى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، شياڭ خۇڭجىنىڭ ھەرىكىتىنى «ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش» ھەرىكىتى دەپ بېكىتكەن.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، شياڭ خۇڭجى ئىشلىگەن بۇ مەھەللىدە شەخسلەر ئۆزلىرى سېلىۋالغان ئۆي بىر قەدەر كۆپ، جەمئىي 106 يۈرۈش ئۆي بار ئىكەن، 2700 ئائىلىلىكتىن ئارتۇق ئىجارە ئۆي بار ئىكەن.

 

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق