باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
‹‹تېج بايرىمى ››
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى |تەھرىر:پەزىلەت ئارسلان | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-12 16:41:14

   

 

 
    ھىندىستاننىڭ ئاللاخاباد شەھىرىدىكى ئاياللار تېج بايرىمى ھارپىسىدا (شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 27-ئاۋغۇست) قوللىرىغا خېنە قويۇشۇپ ، ئەرلىرىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى تىلىدى
 
     ‹‹تېج بايرىمى ›› نىپاللىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپ ، ھىندى دىنىغا ئىتقاد قىلىدىغان ئاياللار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بايرام ھىسابلىنىدۇ . ئەرلەر ئۇچۇن تىلەك تىلەيدىغان بۇ بايرام ئۈچ كۈن داۋاملىشىدۇ ، يەنى بىرىنچى كۈنى ‹‹ تەنتەنە كۈنى ›› بولۇپ ، ئاياللار بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ ، ناخشا ئېيتىپ ، ئۇسسۇل ئوينىشىدۇ ، ئىسل نازۇ-نىممەتلەر بىلەن غىزالىنىدۇ ؛ ئىككىنچى كۈنى ‹‹ روزا كۇنى ›› بولۇپ ، ئاياللار قۇياش چىققاندىن باشلاپ 24 سائەت روزا تۇتۇردۇ ، بۇ ئارلىقتا بۇدخانىلارغا بېرىپ ئېرى ۋە ئۆيى ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىدۇ ؛ ئۇچىنچى كۈنى ‹‹ يۇيۇنۇش كۈنى ›› بولۇپ ، ئاياللار دەريا بويىغا بېرىپ قىزىل رەڭلىك توپا ۋە مۇقەددەس دەرەخنىڭ يۇپۇرمىقىدا يۇيۇنىدۇ ، ئاندىن قىزىل رەڭلىك سارىلىرىنى كىيىشىپ ، فىكۇس دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقى ، كەمپۈت ، گۈرۈچ ، تەڭگە ۋە ئالتۇن رەڭدىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە سىمۋول قىلىنغان جۇخارگۈل چەمبىرىكىنى كۆتۈرۈشۇپ بۇدخانىغا كېلىدۇ ، ماڭلاي سۇرۇخ سۈرۈلگەندىن كېيىن ، دۇئا-تىلاۋەت قىلىشىدۇ، ئاندىن چوڭ مەيدانغا بېرىپ ، بەزمە قىلىشىپ ، بايرام تەنتەنىسى قىلىشىدۇ .
 
 
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق