باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
ئالما iPhone 6 يانفونىدىن ئۈچ كۈندە 10 مىليون دانە سېتىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-23 19:34:50

 

 

 

ئۆتكەن ھەپتە ئالما شىركىتى ئۆزىنىڭ يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان iPhone 6 يانفونى ۋە iPhone 6 Plus يانفونىنىڭ ئالدىن زاكاز قىلىشنى باشلىغاندىن كېيىنكى بىر سوتكا ئىچىدە، بۇ يانفونلارنىڭ زاكاز قىلىنىش مىقدارىنىڭ تۆت مىليون دانىغا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدىكى سان ئىدى.

9-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئالما شىركىتىنىڭ يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان iPhone 6 يانفونى ۋە iPhone 6 Plus يانفونى رەسمىي بازارغا سېلىنغان بولۇپ،بۇ يانفونلارنىڭ رەسمىي سېتىلىشقا باشلىغىنىغا ئاللىقاچان ئۈچ كۈن بولغانىدى، ئالما شىركىتى بۈگۈن ئالما iPhone 6 يانفونى ۋە iPhone 6 Plus يانفونىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئاللىقاچان 10 مىليوندىن ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلغان.

شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئالما شىركىتىنىڭ بۇ يانفون سېتىلىش مىقدارى پەقەتلا ئامېرىكا، ئاۋىستىرالىيە، كانادا، فىرانسىيە، ئەنگىلىيە، جۇڭگو شىياڭگاڭ، ياپونىيە، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەردىكىلا سېتىلىش مىقدارى بولۇپ، ناۋادا ئالما iPhone 6 يانفونى ۋە iPhone 6 Plus يانفونى سېتىلغان دۆلەتلەر ئىچىدە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى بولغان بولسا، ئۇ ھالدا بۇ سان تېخىمۇ ئاشقان بولاتتى ئەلۋەتتە.

شۇنىڭ بىلەن ئالما شىركىتى تەرەپ يەنە ئالما iPhone 6 يانفونى ۋە iPhone 6 Plus يانفونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن يانفون ئابونتلىرىنى مال بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپلىگەن مال تەمىنلەش ئارقىلىق بۇ يانفونلارنىڭ سېتىلىش مىقدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق